خىتاي دىنىي ساھەگە قاراتقان بېسىمىنى يەنىمۇ كۈچەيتمەكتە

2007-07-17
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

خىتاي دائىرىلىرى يېقىندىن بۇيان، دىنىي ساھەدىكى ئۇيغۇرلارغا قاراتقان نازارەت خىزمىتىنى كۈچەيتكەن بولۇپ، بولۇپمۇ تارقاق ھەج قىلىش پائالىيىتىنى قەتئىي چەكلەشنى ئالاھىدە مۇھىم خىزمەتلەر قاتارىغا كىرگۈزگەن.

خىتاي خەۋەر ئاگېنتلىقلىرىنىڭ خەۋەرلىرىدىن ئاشكارىلىنىشىچە، خىتاينىڭ بۇ ھەقتىكى يوليورۇقىدا ، ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنى ئىشقا سېلىپ، دىنىي ساھەدىكى ئۇيغۇرلار بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزۈش ئارقىلىق، ئۇلارنىڭ رولىنى ياخشى جارى قىلدۇرۇش، بۇنىڭ بىلەن ۋەتەننىڭ بىرلىكى ۋە جەمئىيەتنىڭ مۇقىملىقىنى قوغداش، بۆلگۈنچىلىك ۋە قانۇنسىز دىنىي ھەرىكەتلەرگە زەربە بېرىپ، دىنغا ئىشىنىدىغان ئاممىغا نورمال دىنىي پائالىيەتلەر بىلەن قانۇنسىز دىنىي پائالىيەتلەرنىڭ پەرقىنى توغرا چۈشەندۈرۈش شۇنىڭدەك مەزكۈر خىزمەتنى ئالاھىدە مۇھىم ۋەزىپە دەپ ئىجرا قىلىش تەكىتلەنگەن.

گەرچە ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرى ھەج قىلىشنى ئارزۇ قىلسىمۇ ، ئەمما كۆپلىگەن موسۇلمانلار ھۆكۈمەتنىڭ ھەج چەكلىمىسىگە ئۇچراپ، يىلدا بىر قېتىم كېلىدىغان ھەج ئىبادىتىدىن مەھرۇم قالماقتا.

ھەج قىلىش ئىمكانىيىتىگە ئېرىشەلمىگەن ئۇيغۇرلار، باشقا دۆلەتلەر ئارقىلىق ھەج ۋىزىسىگە ئىگە بولۇش ئۈچۈن چەتئەللەرگە چىقماقتا، ئۇلارنىڭ چەتئەللەردە ھەج ۋىزىسىگە ئېرىشش يولىدا ئېلىپ بېرىۋاتقان ھەرىكەتلىرى، خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسىنىڭ ناچارلىقىنى ئاشكارىلاپ تاشلىغانلىقى ئۈچۈن ، خىتاي تارقاق ھەج قىلىشنى قەتئىي توسۇش سىياسىتىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئۇيغۇرلارنىڭ پاسپورتلىرىنى يىغىۋالغان. (ئەقىدە)

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت