خىتاي، مەكىتتىكى ئۇيغۇر دىنىي زاتلارغا پىلانلىق تۇغۇت قوللانمىسى تارقاتتى
يېقىندا خىتاي دائىرىلىرى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ قەشقەر ۋىلايىتى مەكىت ناھىيىسىدىكى 471 نەپەر ئۇيغۇر دىنىي زاتقا مەجبۇرىي يوسۇندا، خىتاينىڭ پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتى قوللانمىسىنى تارقاتقان.
باش شىتابى گېرمانىيىدىكى "شەرقىي تۈركىستان ئۇچۇر مەركىزى" نىڭ مەلۇم قىلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى مەكىت ناھىيىسىنىڭ 9 يېزا ۋە 1 كەنتىدىكى بارلىق دىنىي زاتلارغا بۇ قوللانمىنى تارقىتىپ، ئۇلارنىڭ ھۆكۈمەت بىلەن يېقىندىن ھەمكارلىشىپ، خەلق ئارىسىدا ھۆكۈمەتنىڭ پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتىنى ياخشى تەشۋىق قىلىشىنى تەشەببۇس قىلغان.
ئەمما رادىئومىزنىڭ تېلېفونىنى قوبۇل قىلغان مەكىت ناھىيىلىك ھۆكۈمەتتىكى بىر خىتاي خادىم بۇ خەۋەرنى ئىنكار قىلىپ، ئىلگىرىلەپ سورىغان سوئاللىرىمىزغا جاۋاب بېرىشنى رەت قىلدى.
ئۇچۇر مەركىزى يەنە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ، ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان يۈرگۈزۈۋاتقان پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتى، ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلىدىغان ئۇيغۇرلارنىڭ قارشىلىقىغا ئۇچراپ كەلگەنلىكى ئۈچۈن، نۆۋەتتە دىنىي ئەربابلارنىڭ تەسىرىدىن پايدىلىنىپ، پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتىنى ئۆزلەشتۈرۈشنى مەقسەت قىلغانلىقىنى بىلدۈردى. (پەرىدە)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- خىتاي ساقچىلىرى ئىلى ۋىلايىتىدە 179 تۇڭگاننى تۇتۇپ كەتكەن
- خىتاي ھۆكۈمىتى، ئامىنىخاننى 37 ئوقۇغۇچىسى بىلەن قولغا ئالغانلىقىنى ئېتىراپ قىلدى
- خىتاي ھۆكۈمىتى بىر ئۇيغۇر ئايالنى قانۇنسىز دىنىي تەلىم بەرگەن دېگەن جىنايەت بىلەن قولغا ئالدى
- ئامېرىكا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتى ئەزالىرى ئۇيغۇر ئېلىدىكى زىيارىتىدە قەشقەرغىچە بارماقچى
- ئامېرىكا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتى ئەزالىرى ئۇيغۇر ئىلىنى زىيارەت قىلماقچى