خىتاي ھۆكۈمىتى كومپارتىيىگە سادىق دىنىي زاتلارنى ئىشقا سېلىش ئارقىلىق مۇقىملىقنى كۈچەيتىشنى تەشەببۈس قىلماقتا


2007.09.06

خىتاي مەتبۇئاتلىرىدا ، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ باي ناھىيىسىنىڭ دىن خىزمىتىنى پۇختا ھەم ئەمەلىي ئىشلىگەنلىكى ، ھازىرغا قەدەر ناھىيىدىكى 109 مەسچىتنىڭ " بەشتە ياخشى مەسچىت، 115 كىشىنىڭ ناھىيە بۇيىچە " بەشتە ياخشى دىنىي زات ، 134 مەسچىتنىڭ " تېنچ مەسچىت" بولۇپ باھالانغانلىقى تىلغا ئېلىنماقتا .

چەتئەللەردە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ دىننى سىياسەتكە تەدبىقلاش ھەرىكىتىنى تەنقىدلەۋاتقان بىر پەيتتە ئېلان قىلىنغان خەۋەردە ، باي ناھىيىلىك پارتكومنىڭ، 21 فۇنكىسىيىلىك ئورۇندىن تەشكىللەنگەن ئۈچ دەرىجىلىك " بىرلىك سەپ، مىللەتلەر خىزمىتىگە رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپىسى" قۇرۇپ، دىن ئىشلىرىنى سوتسىيالىستىك جەمئىيەتكە ئۇيغۇنلاشتۇرغانلىقى، دىنىي زاتلارغا سىياسىي جەھەتتە غەمخورلۇق قىلىپ، ئۇلارنىڭ مۇقىملىقنى قوغداش رولىنى جارى قىلدۇرغانلىقى ئالاھىدە تەكىتلىنىپ، دىنىي زاتلارنىڭ پارتىيىنىڭ مىللىي سىياسىتى ۋە دىن سىياسىتىنى ۋاقتىدا تەشۋىق قىلىپ، تارقاق ھەج قىلىش ھادىسىسىنى ئۈنۈملۈك توسىغانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلغان.

خەۋەردىن مەلۇم بولۇشىچە ، باي ناھىيىسى يەنە، دىنىي زاتلارغا تۇرمۇش ياردەم پۇلى تارقىتىش ئۈچۈن، 850 مىڭ يۈەن پۇل ئاجراتقان بولۇپ، ھۆكۈمەتنىڭ شەرتىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان دىنىي زاتلار ھەر ئايدا بۇ ياردەم پۇلىغا ئېرىشەلەيدىكەن.

مەلۇماتلارغا قارىغاندا ، خىتاي ھۆكۈمىتى، ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز ئالدىغا ھەج قىلىش پائالىيىتىنى قاتتىق چەكلەپ، ھەتتا تارقاق ھەج قىلغۇچىلارنى قانۇنغا خىلاپلىق قىلغۇچىلار قاتارىدا جازالايدىكەن.

ئۆزىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان بىر ئۇيغۇرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇيغۇرلار ھۆكۈمەت تەشكىللىگەن ھەج گۇرۇپپىلىرىنىڭ سانىغا ئېرىشەلمەي تۈرلۈك قېيىنچىلىقلارنى يېڭىپ شەخسى ھەج قىلىشقا مەجبۇر بولغان، ئەمما ھۆكۈمەت بۇنى توساش ئۈچۈن ھەر خىل چارىلەرنى قوللانماقتا ، بولۇپمۇ كومپارتىيىگە سادىق دىنىي زاتلارنى ئىشقا سېلىش تەدبىرلىرىنى كۈچەيتمەكتە ئىكەن. (ئەقىدە)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.