خىتاي دائىرىلىرى 2001-يىلىدىن تاكى ھازىرغىچە بولغان ئارىلىقتا 28 قارارلىق "ۋەتەنپەرۋەر دىنىي زاتلار"نى تەربىيىلەش كۇرسى ئېچىپ، 5200 نەپەر دىنىي خادىم تەربىيىلەپ يېتىشتۈرگەن.
شىنخۇئا ئاگېنتلىقىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، ۋەتەنپەرۋەر دىنىي زاتلارنى تەربىيىلەش كۇرسى شىنجاڭ ئىسلام ئىنىستىتۇتىدا تەسىس قىلىنغان بولۇپ، دىنىي زاتلارغا قاراتقان سىياسىي تەربىيىلەش جەريانىدا يەنە 100 نەپەر ياش "ۋەتەنپەرۋەر دىنىي تايانچلار" نى تەربىيىلەپ يېتىشتۈرگەن.
خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە، تەربىيىلەش كۇرسىدا يېتىشتۈرۈلگەن ئىماملار ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى يېزا، كەنتلەرگىچە تارقالغان بولۇپ، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ باشلىقلىرىدىن ۋاڭ لېچۈئەن ، ئىسمائىل تىلىۋالدى قاتارلىقلار بىر قانچە قېتىم تەربىيىلەش كۇرسىغا كېلىپ، ئىماملارغا سۆز قىلغان.
تەربىيىلەش كۇرسىدا ئۆگىنىشكە تېگىشلىك مۇھىم دەرسلىكلەر سۈپىتىدە كومپارتىيىنىڭ 16-قۇرۇلتىيىنىڭ روھى، كومپارتىيىنىڭ مىللىي ۋە دىنىي سىياسىي، ئىقتىسادىي تەرەققىيات، پەن-تېخنىكا، ئاپتونوم رايونىنىڭ 50 يىلدىن بۇيانقى تەرەققىياتى قاتارلىق مەزمۇنلاردىن باشقا يەنە خىتاي دۆلەت ئىشلىرى كابىنېتى تۈزگەن " شىنجاڭنىڭ تارىخى ۋە تەرەققىياتىغا ئائىت ئاق تاشلىق كىتاب ھەم خىتاي ئاساسىي قانۇنى ۋە باشقىلار سۆزلىنىدىكەن.
ئىنكاسلارغا تايانغاندا، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى مەسچىتلەردىكى ئىماملارغا مەخسۇس كىنىشكا تارقىتىلغان بولۇپ، تەربىيىلەشتىن ئۆتمىگەن كىشىلەرنىڭ ئىماملىق قىلىشى چەكلەنگەن. ئەمما، خەلقئارالىق كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكىنىڭ ئېغىر دەرىجىدە دەخلى تەرىزگە ئۇچراۋاتقانلىقىنى بىلدۈرمەكتە.(ئۈمىدۋار)