خىتاي ھۆكۈمىتى قىزىلسۇ ئوبلاستىدا بۇ يىل يەنە 420 دىنىي زاتنى "ۋەتەنپەرۋەر " قىلىپ تەربىيىلىمەكچى

قىزىلسۇ ئاپتونۇم ئوبلاستىنىڭ ھۆكۈمەت تور بېتىدە -6 ئاپرىل بېرىلگەن خەۋەردىن ئاشكارىلىنىشىچە، ئاتۇشتا 2007 - يىللىق ۋەتەنپەرۋەر دىنىي زاتلارنى تەربىيىلەش كۇرسىنىڭ ئىككىنچى نۆۋەتلىكى رەسمىي دەرس باشلىغان بولۇپ، قىزىلسۇنىڭ بىر شەھەر ھەم ئۈچ ناھىيىدىن كەلگەن 70 نەپەر ئىسلام دىنىي ئۆلىمالىرى خىتاينىڭ دىنىي سىياسەتلىرى ھەمدە ۋەتەنپەرۋەرلىك تەلىملىرىنى ئالماقتا ئىكەن.

قىزىلسۇ ئوبلاستلىق پارتكوم، مىللىي ئىشلار كومىتېتى، سىياسىي مەكتەپ قاتارلىق ئورۇنلار بۇ يىل مۇشۇنداق كۇرستىن تۆت قېتىم ئېچىشنى پىلانلىغان بولۇپ، قىزىلسۇ تەۋەسىدە جەمئىي 420 نەپەر ئىسلام دىنىي زاتلىرىنى ۋەتەنپەرۋەر دىنىي زات قىلىپ تەربىيىلەشنى ئىشقا ئاشۇرىدىكەن.

يېقىندىن بۇيان ئۇيغۇر ئېلىنىڭ باشقا جايلىرىدىمۇ مۇشۇنىڭغا ئوخشاش كۇرسلار يەنىمۇ كۆپ ئېچىلىشقا باشلىغان. شۇنداقلا بۇ كۇرسلارغا قاتنىشىۋاتقان دىنىي ئۆلىمالارغا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ، ئۈچ خىل كۈچلەرگە قارشى تەشۋىقاتىدىن باشقا ئاز سانلىق مىللەتلەرگە قارىتا پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتىنى مەسچىت ۋە دىنىي سورۇنلاردا تەشۋىق قىلىش ۋەزىپىلىرى يۈكلەنگەن.

يېقىندا ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونلۇق پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتىنىڭ پارتكوم سېكرېتارى، ئۇيغۇر ئېلىدە، ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلىدىغان ئاز سانلىق مىللەتلەرگە پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتىنى يۈرگۈزۈشتە ۋەتەنپەرۋەر دىنىي زاتلاردىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىش كېرەك دەپ ئوتتۇرغا قويغان ئىدى. (گۈلچېھرە)