خىتاينىڭ ئۇيغۇر دېھقانلارنى خىتاي ئۆلكىلىرىگە يۆتكەش سىياسىتى ئىزچىل داۋاملاشماقتا
2007.06.28
خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر دېھقانلىرىنى خىتاي ئۆلكىلىرىگە يۆتكەش قەدىمىنى تېخىمۇ تېزلىتىش ئۈچۈن، شەھەر، ناھىيە ۋە يېزىلار بۇيىچە مەخسۇس تەربىيىلەش بازىلىرىنى قۇرۇپ، دېھقانلارغا سىياسەت، قانۇن ۋە خىتاي تىلى ئۆگىتىش خىزمىتىنى كۈچەيتمەكتە.
خىتاي ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ يېقىندا ئېلان قىلغان خەۋىرىدە كۆرسىتىلىشىچە ، ئاقسۇ شەھىرىدىكى دېھقانلار بۇ يىل 5 - ئايدىن باشلاپ تەربىيىلىنىش بازىلىرىدا ھۆكۈمەتنىڭ قانۇن سىياسىتىنى شۇنىڭدەك خىتاي تىلىنى ئۆگىنىش كۇرسلىرىغا قاتناشتۇرۇلغان بولۇپ، مەزكۈر كۇرس يىل ئاخىرىغىچە 11 مىڭ 800 دېھقاننى تەربىيىلەش بىلەن بىرگە، 8 مىڭ 300 دېھقاننى خىتايغا ئۆلكىسىگە يۆتكەش ھازىرلىقىنى ئېلىپ بارىدىكەن.
خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، بۇنداق قىلىشتىكى ئاساسىي مەقسەت دېھقانلارنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ۋە ئۇلارنىڭ خىتاي ئۆلكىلىرىدە ئىش تېپىپ ئىشلىشىگە ئالدىن شارائىت ھازىرلاش ئىكەن.
خىتاي دائىرىلىرىنىڭ نامرات دېھقانلارنى يۆلەش سىياسىتى باھانىسىدا دېھقانلارنى خىتاي ئۆلكىلىرىگە يۆتكەپ ئىشلىتىشى، ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇقى ئۈچۈن پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنى قاتتىق ئەندىشىگە سالماقتا.
ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى پائالىيەتچىلىرى، بولۇپمۇ ئۇيغۇر قىزلىرىنىڭ ئېشىنچى ئەمگەك كۈچى سۈپىتىدە ئىچكىرى ئۆلكىلەرگە ئېلىپ كېتىلىشى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى ئاسسىمىلياتسىيە قىلىش قەدىمىنى تېزلىتىش ئىستىراتېگىيىسى ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىپ ، خەلقئارا جامائەتتىن خىتاي ھۆكۈمىتىگە بۇ خىل ھەرىكىتىنى توختىتىش ئۈچۈن بىسىم ئىشلىتىشىنى تەشەببۇس قىلماقتا. (ئەقىدە)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- ئاۋسترالىيە گېزىتلىرى ئوغرىلاپ كېتىلگەن ئۇيغۇر بالىلىرىنىڭ خىتاي ئۆلكىلىرىدە يانچۇقچىلىققا سېلىنىۋاتقانلىقىنى ئاشكارىلىدى
- ھالاكەتكە دۇچ كەلگەن ئۇيغۇرلار
- خىتاي ئۆلكىلىرىدىكى زاۋۇتلارغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان ئۇيغۇر قىزلىرى ئۆز يۇرتلىرىغا كېتەلمەي تەمتىرەپ يۈرمەكتە
- خىتايدىن قېچىپ كەلگەن كىچىك پەرھات ئانىسى بىلەن تېپىشتى
- خىتاي ئولىمپىك تاۋارلىرىنى ئىشلەپ چىقىرىدىغان كارخانىلاردا ئەمگەك ھوقۇقىنى دەپسەندە قىلىش بىلەن ئەيىبلەندى
- تېكەس ناھىيىسىدىن قازاق ياشلىرى چىڭداۋغا ئىشلەشكە ئەۋەتىلدى
- ئۈرۈمچىدىكى بىر ئالى مەكتەپتە قىز ئوقۇغۇچىلار ئۈستىدىن ھامىلدارلىق تەكشۈرۈشى ئېلىپ باردى
- كىم كىمنىڭ دۈشمىنى؟ (2)