ئۇيغۇر ئېلىدە 100 مىڭدىن ئارتۇق مال-چارۋىچى يايلاقلاردىن كۆچۈرۈلمەكچى
2007.04.24
تەڭرىتاغ تورىنىڭ 24 - ئاپرىل بەرگەن خەۋىرىگە قارىغاندا، ئاپتونوم رايونلۇق چارۋىچىلىق نازارىتى يايلاقلارغا كېلىۋاتقان بېسىمنى كېمەيتىش ئۈچۈن، بۇ يىلدىن باشلاپ 100مىڭدىن 150 مىڭغىچە مال-چارۋىچىنى يېزا - بازارلاردا خىزمەت قىلىشقا كۆچۇرمەكچى ئىكەن.
ئاپتونوم رايونلۇق چارۋىچىلىق نازارىتىنىڭ چۈشەندۈرۈشىگە ئاساسلانغاندا، ھازىر ئۇيغۇر ئېلىدىكى چارۋىچىلارنىڭ سانى 1 مىليون ئەتراپىدا بولۇپ، چارۋىچىلارنى يۆتكەش قۇرۇلۇشى پىلانىغا ئاساسەن خىتاينىڭ "11- 5"يىللىق پىلان جەريانىدا 600 مىڭغا يېقىن چارۋىچىلار باشقا كەسىپلەرگە ئالماشتۇرىلىدىكەن.
خىتاي مەتبۇئاتلىرىدا ،چارۋىچىلارنىڭ كەسىپ ئالماشتۇرۇشى، يايلاقلارنىڭ ئېكولوگىيىلىك تەڭپۇڭلۇقىنى ساقلاش ئۈچۈن ئىكەنلىكى، كۆرسىتىلگەن.
ئەمما، تەڭرىتاغ تورىدا 23 - ئاپرىل بېرىلگەن خەۋەردە ئاشكارىلىنىشىچە، نارات يايلىقى مەنزىرە رايونىنى خىتاينىڭ سۇجۇ شەھىرىدە ئېچىلغان ساياھەت يەرمەنكىسىنىڭ مەركىزى نۇقتىسىغا ئايلاندۇرۇش توغرىسىدا بىر قاتار پائالىيەتلەر ئېلىپ بېرىلغان. ئۇنىڭدىن باشقا نارات ساياھەت رايونى مەدەنىيەت موزىيى ئېچىلغان ۋە نۇرغۇنلىغان ساياھەتچىلەرنى جەلىپ قىلغان.
ھازىر ئوتتۇرا ئاسىيادا ئىستىقامەت قىلىۋاتقان بىر ئۇيغۇر زىيالىينىڭ قارىشىچە، خىتايلار ئوتتۇرىغا قويغان يايلاق ئېكولوگىيىسى مەسىلىسى بىر مۇنازىرە تەلەپ قىلىدىغان مەسىلە بولۇپ، بۇ يەردە ئايدىڭلاشتۇرۇشقا تېگىشلىكى، يايلاق رايونلىرىغا كېلىۋاتقان بېسىمنىڭ مەنبىيى مەسىلىسى ئىكەن.
ئۇ نىڭ ئېيتىشىچە يەنە، يايلاقلارغا كېلىۋاتقان بېسىم ساياھەتچىلىك ۋە باشقا سەۋەبلەر بىلەن مەزكۇر رايونلاردا ئادەم پائالىيىتىنىڭ كۆپىيىشى نەتىجىسىدە پەيدا بولغانمۇ ياكى ئۇنى شۇ جايلاردا ئەزەلدىن ياشاپ كەلگەن خەلقلەر كەلتۈرۈپ چىقارغانمۇ دېگەن مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخىمۇ ئىچكىرىلەپ تەتقىق قىلىشقا توغرا كېلىدىكەن. (جۈمە)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- ماي ئېيىدا خىتايدىن ئۇيغۇر ئېلىگە يەنىمۇ كۆپ خىتاي كەلمەكچى
- ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئىش پۇرسەتلىرىگە كىملەر ئىگە بولماقتا ؟
- خىتاي ئۆلكىلىرىدىكى چوڭ كارخانىلار ئۇيغۇر ئېلىغا ماكانلىشىپ ئىقتىسادىي ئۈستۈنلۈككە ئېرىشمەكتە
- ۋاڭ لېچۇەن سۇ ئامبىرى كۆچمەنلىرىنى يۈلەش سىياسىتىنى جاكارلىغان
- ئامېرىكا 2007 - يىلىدن باشلاپ قانۇنسىز خىتاي كۆچمەنلىرىنى ھەر يىلى تۈركۈملەپ خىتايغا قايتۇرىدۇ
- خىتاي كۆچمەنلىرىنى ئۇيغۇر ئېلىگە يەرلەشتۈرۈشكە يەنىلا ئۇيغۇرلار تەر تۆكۈشكە مەجبۇرلانماقتا
- خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىنى ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىش بازىسىغا ئايلاندۇرۇش پىلانىدا نېمە سەۋەب بار؟
- ئۈرۈمچىدە 12 خىتاي ياللانما ئىشچىسى ساقچىلار تەرىپىدىن ئېغىر يارىلاندۇرۇلدى