ئامېرىكا: خىتاي ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ئەركىنلىكىنى بوغماقتا


2006.09.15

ئامېرىكا تاشقىي ئىشلار مىنىستىرلىقى جۈمە كۈنى دۇنيادىكى ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ دىنىي ئەركىنلىك ۋەزىيىتى ھەققىدە دوكلات ئېلان قىلىپ، خىتاي دائىرىلىرى ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ئەركىنلىكىنى بوغماقتا، دەپ كۆرسەتتى.

ئامېرىكا تاشقىي ئىشلارمىنىستىرلىقى، ئۇيغۇرلارنىڭ خىتايدىكى تۇڭگان قاتارلىق مۇسۇلمان مىللەتلەر بەھرىمان بولۇۋاتقان ئەقەللىي دىنىي ھوقۇقتىنمۇ مەھرۇم قالغانلىقىنى ئەسكەرتىپ،" ئېتنىك جەھەتتە خىتايلارغا تەۋە بولغان ۋە خىتاي رايونلىرىدا ئولتۇرىدىغان مۇسۇلمان تۇڭگانلار تۈرك مۇسۇلمانلىرىغا، بولۇپمۇ ئۇيغۇرلارغا قارىغاندا تېخىمۇ چوڭ دىنىي ئەركىنلىككە ئىگە " دەيدۇ.

ئامېرىكا تاشقىي ئىشلار مىنىستىرلىقى، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا مەسچىت سېلىش، دىنىي تەلىم- تەربىيە ئېلىش، ياش - ئۆسمۈرلەرنىڭ ئىسلام دىنى ئۆگىنىشى چەكلەنگەنلىكىنى، پارتىيە ئەزالىرى، ھۆكۈمەت خادىملىرى، ئۇنىۋېرسىتىت ئوقۇتقۇچى ۋە ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ مەسچىتكە كىرىپ ناماز ئوقۇشى مەنئى قىلىنغانلىقىنى يازدى.

دوكلاتتا، "كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ خىتاي دائىرىلىرى تېررورچىلىققا قارشى ئۇرۇشتىن پايدىلىنىپ ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنى داۋاملىق باستۇرماقتا " دەپ قاراۋاتقانلىقىنى تەكىتلىگەن. (ئەركىن)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.