ئامېرىكا خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتى 13- دىكابىر كۈنى بىر بايانات ئېلان قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مەشھۇر كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى رابىيە قادىر خانىمنىڭ ئۈچ ئوغلىنى توتۇش ۋە سوتلاش جەريانىدا ئۇلارغا قارىتا تەن جازاسى شۇنىڭدەك قورقۇتۇش ۋە تەھدىت قاتارلىق ۋاسىتىلاردىن پايدىلانغانلىقى توغرسىدا چىققان خەۋەرلەردىن قاتتىق قايغۇرغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئامېرىكا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتىنىڭ رەئىسى فېلىس گېر تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان مەزكۈر باياناتدا، " خىتاي دائىرىلىرىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق قوغدۇغۇچىلىرىنى ئۇجۇقتۇرۇش ھەرىكىتى بېيجىڭ ھۆكۈمىتىنىڭ قانۇن ھاكىمىيىتى تېكلەش توغرىسىدىكى ۋەدىلىرىنىڭ قۇرۇق سۆزدىن ئىبارەت ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ" دېيىلگەن.
باياناتدا يەنە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ رابىيە خانىمنىڭ ئوغۇللىرى ئالىم ئابدۇرىھىم ۋە قاھار ئابدۇرىھىمنى "باج ئوغۇرلىغان" دەپ ئەيىبلەپ، ئالىم ئابدۇرىھىمغا 7 يىللىق قاماق جازاسى، قاھارغا جەرىمەنە تۆلەش جازاسى ھۆكۈم قىلغانلىقى ئەسكەرتىلگەن. باياناتدا، " رابىيە خانىمنىڭ پەرزەنتلىرى ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى كىشىلىك ھوقۇق ئۆمىكىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىنى زىيارىتى ھارپىسىدا قولغا ئېلىنغانلىق ئۈچۈن، كۈزەتكۈچىلەر ئۇلارنىڭ سىياسىي سەۋەبلەردىن قولغا ئېلىنغانلىقىنى ھەمدە سىياسىي سەۋەبلەردىن ئەيىبلەنگەنلىكىنى قىياس قىلماقتا " دېيىلگەن.
ئامېرىكا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتىنىڭ باياناتىدا، رابىيە خانىمنىڭ بۆلگۈنچىلىك بىلەن ئەيىبلەنگەن يەنە بىر ئوغلى ئابلىكىم ئابدۇرھىمنىڭ ھازىر قانداق ۋەزىيەتتە تۇرۇۋاتقانلىقىنىڭ مەلۇم ئەمەسلىكى ئالاھىدە ئەسكەرتىلگەن. (ئەقىدە)