مەكىت خەلق ئارتىستلىرى دولان خەلق ناخشىلىرىنى ئەنگلىيىدە ئورۇنلىماقچى

قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ مەكىت ناھىيىسىدىكى 5 نەپەر خەلق ئارتىستى يېقىندا ئەنگلىيىدە ئۆتكۈزىلىدىغان خەلقئارالىق خەلق ناخشا-مۇزىكىلىرى فېستىۋالىغا قاتنىشىپ، دولان خەلق ناخشىلىرىنى ئورۇنلايدىكەن.

تەڭرىتاغ خەۋەر تورىنىڭ مەلۇم قىلىشچە، بۇ ئارتىستلار يېشى 58 ياشتىن 76 ياشقىچە بولغان خەلق ئارتىستلىرى بولۇپ، ئۇلار بۇ دولان ناخشىلىرىنى ئىنسانلارنىڭ غەيرى ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى سۈپىتىدە ئەنگلىيىدىكى بۇ فېستىۋالدا ئورۇنلايدىكەن. لېكىن خەۋەردە ئېنىق كۈن تەرتىپى بېرىلمىگەن.

مەكىتلىك بۇ 5 نەپەر دولان ناخشىچىلىرى ئۇيغۇر ئېلىدا ئاممىنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشىپلا قالماي، ئىلگىرىمۇ فرانسىيە ۋە كورىيە قاتارلىق دۆلەتلەردە دولان مۇزىكىلىرىنى ئورۇنلاپ تاماشىبىنلارنىڭ ئالقىشىغا ئېرىشكەن ۋە دۆلەت ئىچىدە كۆپ قېتىم مۇكاپاتلارنى ئالغان.

بۇنىڭدىن سىرت يەنە، ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ ئاۋات ناھىيىسىدىكى خەلق ئارتىستلىرىدىن تەشكىللەنگەن دولان ئانسامبىلى بۇ يىل 11‏-ئايدا دۇنيادىكى داڭلىق مۇزىكا سارىيى بولغان ۋېنانىڭ ئالتۇن تىياتىرخانىسىدا دولان مۇقامىنى كۆرسەتمەكچى. ئۇيغۇرلارنىڭ "‏12 مۇقام" ئى 2005‏- يىلى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى تەرىپىدىن "ئىنسانلارنىڭ ئاغزاكى ۋە غەيرى ماددىي مەدەنىي مىراسلىرى" تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلگەن بولۇپ، شۇنىڭدىن بۇيان ئۇيغۇر مۇقامى خەلقئارا سەنئەت سەھنىسىدە كۆزگە كۆرۈنۈشكە باشلىدى. (پەرىدە)