ئاتاقلىق شائىر دولقۇن ياسىن ۋاپات بولدى


2005-09-05
Share

ئۇيغۇر خەلقىنىڭ تالانتلىق شائىرى، تالانتلىق شائىرى، يېتىشكەن سىياسىي پائالىيەتچى دولقۇن ياسىن ئەپەندى 5-سېنتەبىر كۈنى ۋاپات بولدى. دولقۇن ياسىن ئەپەندىنىڭ ئايالى ھەبىبە خانىم ئۇنىڭ يۈرەك كېسىلى بىلەن داۋالانغانلىقىنى، ئەمما داۋالاش ئۈنۈم بەرمەي جان ئۈزگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.

شائىر دولقۇن ياسىن 1938-يىلى ئىلى ۋىلايىتىنىڭ سۈيدۈڭ شەھىرىدە زىيالىي ياسىن خۇدابەردى ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن. 60 –يىللاردا تاشكەنتتە ئوقۇپ ئۈرۈمچىگە قايتىپ كېلىپ، ئەدەبىيات سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىدە خىزمەت قىلغان ۋە ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللانغان. لېكىن ئۇزۇن ئۆتمەيلا خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن نەزەربەندكەلىنىپ قۇمۇلغا پالانغان.

مەرھۇم دولقۇن ياسىن ئەپەندى 1968-يىلى قازاقىستانغا چىقىپ كەتكەندىن كېيىن ئەدەبىي ئىجادىيەت ۋە ۋەتەن دەۋاسى بىلەن شۇغۇللانغان. 2001 - يىلى خەلقئارا نوبېل مۇكاپاتى فوندى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن دۇنيادىكى 100 نەپەر ئىختىساسلىق تۆھپىكار كىشىگە ئالتۇن مېدال بېرىش خىزمىتىدە 100 كىشىنىڭ بىرى بولۇپ تاللىنىپ، 2003- يىلى 11 – ئۆكتەبىر كۈنى نوبېل مۇكاپات فوندى جەمئىيىتى ۋەكىللىرى تەرىپىدىن قازاقىستاندا مۇكاپاتنى تاپشۇرۇپ ئالغان.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت