" قوش ئۆلچەملىك" مۇئامىلىگە دۇچ كەلگەن ئوت ئاپىتى؛ خىتاي سودىگەرلىرى بەش يىلغىچە باج كەچۈرۈم قىلىنىدۇ
2008.01.13
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق كوممۇنىستىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ مەخسۇس ئاۋازى دەپ قارىلىۋاتقان تەڭرىتاغ تورىنىڭ خەۋەرلىرىگە ئاساسلانغاندا، 12-يانۋار كۈنى خىتاينىڭ جيېجاڭ ئۆلكىسى سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى جوۋ گۇئوفۇ باشلامچىلىقىدىكى 2-يانۋار دېخۇي سودا مەركىزىدە يۈز بەرگەن ئوتتا ئاپەتكە ئۇچرىغانلاردىن ھال سوراش ئۆمىكى ئۈرۈمچىگە يېتىپ كېلىپ، پارتكوم سېكرىتارى ۋاڭ لېچۈئەن قاتارلىقلار بىلەن كۆرۈشكەن.
خەۋەرلەردىن قارىغاندا، كۆيۈپ كەتكەن دېخۇي خەلقئارا سودا مەركىزىنىڭ خوجايىنى ۋە ئۇنىڭدا تىجارەت قىلىدىغان سودىگەرلەرنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسىمى جيېجاڭنىڭ ۋېنجۇ رايونىدىن كەلگەن سودىگەرلەر بولغاچقا ، جيېجاڭ ئۆلكىسى ۋە ۋېنجولۇق سودىگەرلەر مەزكۇر ئوت ئاپىتىگە ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىپ، ئاپەتكە ئۇچرىغان يۇرتداشلىرىغا ئىگە چىقىپ، ۋەقەنى سۈرۈشتۇرگەندىن سىرت يەنە دەسلەپكى قەدەمدە ئۈچ مىليون يۈئەن ھال سوراش سوممىسى ئەۋەتكەن.
ۋاڭ لېچۈئەن جوۋ گۇئوفۇ بىلەن ئېلىپ بارغان ئۇچرىشىشىدا ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ قارار قىلىپ، ئاپەتكە ئۇچرىغان سودىگەرلەرنىڭ داۋاملىق سودا قىلسا بەش يىلغىچە باجدىن كەچۈرۈم قىلىدىغانلىقى ،ئۇلارنى ئاز كۆلەمدە بولسىمۇ تىجارەت سوممىسى بىلەن تەمىنلەيدىغانلىقى، دۇكانلىرى كۆيگەنلەرنىڭ قىسقا مۇددەت ئىچىدە ھەقسىز دۇكان قۇرۇشىغا ياردەم بېرىدىغانلىقى ھەتتا يارىدار بولغان ۋە كۆيگەنلەرنىڭ ھەقسىز داۋالىنىشىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىدىغانلىقى قاتارلىق كۆپ خىللىق پاراۋانلىق بەلگىلىمىسى ئارقىلىق ئاپەتكە ئۇچرىغانلارنىڭ ئىگىلىكىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈپ، قىيىنچىلىقتىن ئۆتۈۋېلىشىغا ياردەم كۆرسىتىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. جيېجاڭ سىياسىي كېڭەش رەئىسى بولسا، دېخۇي سودا مەركىزىدىكى ئوت ئاپىتىگە جيېجاڭ خەلقىنىڭ كۆڭۈل بولۇۋاتقانلىقى، شۇڭا يەرلىك دائىرىلەرنىڭ ئاپەتكە ئۇچرىغانلارنىڭ سودىسىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشىگە ياردەم بېرىشىنى تەلەپ قىلغان.
بۇ مۇناسىۋەت بىلەن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىلى پىكىر بايان قىلىپ، ۋاڭلېچۈئەننىڭ ئۇيغۇرلار بىلەن خىتايلارغا قوش ئۆلچەم قوللانغانلىقى ، چۈنكى، بۇنىڭدىن 6 يىل ئىلگىرى قىرغىزىستاننىڭ بىشكەك شەھىرىدىكى " تۇربازا" سودا مەركىزىدە ئاتۇش، قەشقەر قاتارلىق جايلاردىن كەلگەن 2000 دىن ئارتۇق ئۇيغۇر سودىگەرنىڭ دۇكانلىرى كۆيۈپ، تارتقان زىيىنى 100 مىليون دوللار ئەتراپىدا دەپ پەرەز قىلىنغاندا، ۋە ئۇنىڭدىن كېيىنكى بېشكەكتىكى "مەدىنە سودا مەركىزىدىكى" ئۇرۇپ-چېقىش ھەم بۇلاش ھادىسىسىدە ھەمدە تۇرپان ھەم باشقا جايلاردىكى ئوت ئاپەتلىرىدە ۋەيران بولغان ئۇيغۇرلارغا مۇنداق ياردەم بېرىش بەلگىلىمىسى چىقىرىلمىغانلىقىنى بىلدۈردى (ئۈمىدۋار)









