ۋاڭ لېچۈەن مىللەتلەر باراۋەرلىكى شۇئارىنىڭ ساختىلىقىنى يەنە بىر قېتىم يالىڭاچلىدى
2008.01.14
بۇ يىل 12 -يانۋار كۈنى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم سېكرېتارى ۋاڭ لېچۇەن، دېخۇي سودا بازىرىدا ئوت ئاپىتىگە ئۇچرىغان خىتاي تىجارەتچىلەرگە ياردەم بېرىش چارىسىنى ئوتتۇرىغا قويغان. ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئاپەتكە ئۇچرىغانلار ئۈچۈن 5 يىلغىچە باج كەچۈرۈم قىلىنىدۇ، مەلۇم مىقداردا ياردەم پۇلى بېرىلىدۇ، بانكىلار ئاز مىقداردا تۆۋەن ئۆسۈملۈك قەرز بېرىپ تۇرىدۇ، تىجارىتىنى قايتا باشلىشى ئۈچۈن زۆرۈر بولغان قولايلىقلار يارىتىلىدۇ.
ۋاڭ لېچۈەن بۇ سۆزىنى قىلغان كۈنلەردە، جېجياڭ ئۆلكىلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى جۇ گوفاڭ، ئوت ئاپىتىگە ئۇچرىغانلاردىن ھال سوراپ كەلگەن ۋە 3 مىليون ياردەم پۇلى بەرگەن. دېخۇي سودا گۇرۇھىنىڭ دىرېكتورى چيەن جىڭنەيمۇ ئاپەتكە ئۇچرىغانلارنىڭ زىيىنىنى تولەپ بېرىدىغانلىقى ھەققىدە ئاشكارا ۋەدە بەرگەن. ئۇنىڭ ۋەدىسى بۇيىچە، دىخۇي گۇرۇھى، ئالاقىدار تارماقلار زىياننى ھېسابلاپ چىققاندىن كېيىن، زىيان قانچىلىك بولسا، شۇنچىلىكنى تۆلەپ بېرىدۇ بۇنىڭدىن باشقا بىر يىللىق ئىجارە پۇلى كەچۈرۈم قىلىنىدۇ، ھۆكۈمەت تەرەپ ئاجراتقان ياردەمنىڭ ھەممىسىدىن دىخۇي گۇرۇھى ئەمەس، زىيانغا ئۇچرىغان تىجارەتچى ۋە ئىشچى-خىزمەتچىلەر بەھرىمان بولىدۇ.
مۆلچەرلىنىشىچە ، 2 -يانۋار ئوت ئاپىتىگە ئۇچرىغان خىتاي تىجارەتچىلىرىگە، ھۆكۈمەت، جەمئىيەت ۋە دىخۇي گۇرۇھىدىن بېرىلىدىغان ياردەملەر جەملەنسە، خىتاي تىجارەتچىلەر زىيانغا ئۇچرىغان ئەمەس مەنپەئەت قازانغان بولىدۇ. بۇندىن 6 يىل ئىلگىرى بېشكەكتىكى توربازا بازىرىغا ئوت كەتكەندە، بۇ ئاپەتكە ئۇچرىغان ئۇيغۇر تىجارەتچىلەر ھېچقانداق ياردەمگە ئېرىشەلمىگەن، ئاتۇشتىكى ئۇيغۇر تىجارەتچىلىرىنىڭ دۇكانلىرىغا ئوت كەتكەندىمۇ، جەمئىيەتتە ھېچقانداق غۇل-غۇلا پەيدا بولمىغان. بۇلتۇر 3 -ئۆكتەبىر كۈنى تۇرپاندىكى ئۇيغۇر تىجارەتچىلىرىنىڭ سودا بازىرىغا ئوت كېتىپ، مال-بىساتى كۈلگە ئايلانغان ۋە ئادەم ئۆلۈش ۋەقەسى يۈز بەرگەن بولسىمۇ ، ھۆكۈمەت تەرەپتىنمۇ ، جەمئىيەت تەرەپتىنمۇ ياردەم بېرىش دولقۇنى قوزغالمىغان ئىدى؛ ئەكسىىچە، باشقا جايدىن ئورۇن كۆرسىتىپ بېرىشنى تەلەپ قىلىپ نامايىش ئۆتكۈزگەنلەر ئېغىر تەھدىتلەرگە دۇچ كەلگەن ئىدى .
تېخى بىر ھەپتە ئالدىدا، ئۇيغۇر مۇستەقىلچلىرىنى قاتتىق باستۇرۇش، باش كۆتۈرگەن ھامان يانچىش، بىخ ھالىتىدە ئۇجۇقتۇرۇش قاتارلىق غەزەپ-نەپرەتكە تولغان چاقىرىقلىرى بىلەن 2008 -يىللىق خىزمەت قەدىمىنى باشلىغان ۋاڭ لېچۇەننىڭ، ئاپەتكە ئۇچرىغان خىتاي تىجارەتچىلىرىگە قىلغان بۇ غەمخورلۇقى، چەتئەلدىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرى ئارىسىدا كۈچلۈك غۇل-غۇلا پەيدا قىلدى. بۇ ھەقتە پىكىر بايان قىلغان شەرقى تۈركىستان ئۇچۇر مەركىزى، ئۇيغۇرلارنىڭ قولىدىكى خىتاي پۇقرالىقىغا ئائىت سالاھىيەت كېنىشكە ۋە پاسپورتلار، ئۇلارنىڭ ۋەتەنداشلىق ھوقۇقىدىن بەھرىمان بولۇشى ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى، ئىزچىل نازارەت ئاستىغا ئېلىنىش، كونترول قىلىنىش ۋە باشقۇرۇلۇشى ئۈچۈنلا ئىشلەنگەن دەپ كۆرسەتتى. دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باياناتچىسى دىلشات رىشىت ، بۇ ، خىتاينىڭ ئىناق جەمئىيەت بەرپا قىلىش، مىللەتلەر باراۋەرلىكى شۇئارىنىڭ ساختىلىقىنىڭ يەنە بىر قېتىم يالىڭاچلىنىشى دەپ ئەيىبلىدى.
دىلشات رىشىت بۇ قېتىمقى ياردەم دولقۇنىدىكى ئالاھىدە يۈكسىلىشنىڭ يەنە بىر سەۋەبىنى، دىخۇي گۇرۇھىنىڭ دىرېكتورى بىلەن ۋاڭ لېچۈەننىڭ ئارىسىدىكى قۇدا-باجىلىق مۇناسىۋەت دەپ قارايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. سىياسىي مۇلاھىزىچىلەردىن نورۋىگىيىدە ياشاۋاتقان ئۇچقۇن ئەپەندى بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ: مەن بۇ پەرقلىق مۇئامىلىگە ھەيران قالمايمەن، چۈنكى ئۇ دۇشمەن، دۈشمەننىڭ تەبىئىتى مانا مۇشۇنداق بولىدۇ ، مۇستەملىكىچى بىر ھاكىمىيەتنىڭ ۋەكىلىدىن ئادالەتنى، باراۋەرلىكنى ۋە ھېسداشلىقنى كۈتۈشنىڭ ئوزى ساددىلىق ياكى نادانلىق بولىدۇ. مېنىڭ بۇ بۇ نۇقتىدا نەپرەتلىنىدىغىنىم، خىتاينىڭ شۇنچە يالىڭاچ ھەقسىزلىقلىرىنى، زۇلۇملىرىنى كۆرۈپ تۇرۇپ، ئىنكاس قايتۇرمايۋاتقان، نارازىلىق بىلدۈرمەيۋاتقان، ئەكسىىچە خىتاي ئۈچۈن ئاكتىپلىق بىلەن غالچىلىق قىلىۋاتقان نۇر بەكرىگە ئوخشاش غالچا ئەمەلدارلىرىدۇر. مەن بۇ ۋەقەدىن خەلقىمىز ئىچىدىكى خاتا تەشۋىقات بىلەن ئالدىنىۋاتقان بىر قىسىم كىشىلەر ۋە ياش-ئۆسمۈرلەر دوست-دۈشمىنىنى يەنە بىر قېتىم تونۇپ يېتىدۇ دەپ ئويلايمەن.(شۆھرەت ھوشۇر)









