ئالدىنقى كۈنى گېرمانىيىنىڭ ميۇنخېن شەھىرىدىكى ئامېرىكا كونسۇلخانىسى، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى باش كاتىپى دولقۇن ئەيسانى ئامېرىكا باش كونسۇلى ئەرىك نېلسوننىڭ ئۆيىدە ئۆتكۈزۈلگەن ئىپتار زىياپىتىگە تەكلىپ قىلدى ۋە دولقۇن ئەيسا زىياپەتكە قاتناشتى.
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى تور بېتىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە ئەسكەرتىلىشىچە، ئەرىك نېلسوننىڭ ئۆيىدىكى ئىپتار زىياپىتىگە ميۇنخېندىكى مۇسۇلمان تەشكىلاتلارنىڭ رەھبەرلىرى، دىنىي زاتلار ۋە بەزى مۇسۇلمان دۆلەتلەر كونسۇللىرى قاتنىشىپلا قالماي، زىياپەتتە يەنە ئامېرىكىنىڭ گېرمانىيىدىكى باش ئەلچىسى ۋىليام تىمكېن، خانىمى سيۇ تىمكېن، ميۇنخېن شەھىرىنىڭ باشلىقى كرىستيېن ئۇدﯤ، باۋارىيە شتاتىنىڭ ئەدلىيە مىنىستىرى بيېتې مېرك، تۈركىيىنىڭ ميۇنخېن باش كونسۇلى رىفات كۆكسالنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 50 دەك دىپلومات ۋە بىر قىسىم ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرى ھازىر بولغان.
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ خەۋىرىدە ئەسكەرتىشىچە، دولقۇن ئەيسا زىياپەت جەريانىدا ئامېرىكا باش ئەلچىسى ۋىليان تىمكېن، ميۇنخېن شەھەر باشلىقى كرىستيېن ئۇدﯤ ۋە ئامېرىكا باش كونسۇلى ئەرىك نېلسونلار بىلەن سۆھبەتلىشىپ، ئۇلارغا رامىزان ئېيى جەريانىدا ئۇيغۇر ئېلىدە يۈز بېرىۋاتقان ھادىسىلەر، ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان دىنىي بېسىم، بولۇپمۇ رامىزان ئېيى جەريانىدا روزا تۇتۇش ئەركىنلىكىنىڭ چەكلىمىگە ئۇچراۋاتقانلىقىنى يەتكۈزگەن.
ئانالىزچىلار، ئىپتار زىياپىتى بىر تەرەپتىن ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ ھەر خىل دىنلارغا، جۈملىدىن ئىسلام دىنىي ۋە مۇسۇلمانلارغا ھۆرمەت قىلىدىغانلىقىنى ئىپادىلەش بولسا، يەنە بىر تەرەپتىن دولقۇن ئەيسانى ئىپتارغا چاقىرىش خىتاي دائىرىلىرىنىڭ دولقۇن ئەيسانى ئاتالمىش "شەرقىي تۈركىستان تېررورچىلار تىزىملىكى"دىكى شەخس، دەپ ئېلان قىلغانلىقىنى ئېتىبارغا ئالمىغانلىقىنىڭ نامايەندىسى، دەپ مۇلاھىزە قىلىشماقتا. (ئەركىن)