دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتا سىياسىي ھەركەتلىرىنى داۋاملاشتۇرۋاتقانلىقىنى بىلدۈرمەكتە


2004.11.23

ئۇيغۇرلارنىڭ مۇستەقىللىقى ئۈچۈن سىياسىي داۋا ئېلىپ بېرىۋاتقان دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى 23 - نويابىر كۈنى بايانات ئېلان قىلىپ، خىتاي دائىرلىرىنىڭ ئۇيغۇر دىنىي زاتلارغا قارىتا ئېلىپ بېرىۋاتقان، مېڭە يۇيۇش سىياسىي ھەركىتىنى تەنقىدلىدى.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باياناتچىسى دىلشات رىشىت، تەيۋەندىكى مەركىزى ئاگېنتلىقنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ، شەرقىي تۈركىستاندا يەنە بىر قېتىم مېڭە يۇيۇش سىياسىي ھەرىكىتى باشلىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

دىلشات رىشىت ئىستانسىمىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا 11 - ئاينىڭ 22 - كۈنى، بايىنغۇلىن موڭغۇل ئاپتونۇم ئوبلاستىدا ئىككىنچى نۆۋەتلىك بىرىنچى قارار دىنىي زاتلار كۇرسىنىڭ دەرس باشلىغانلىقىنى ئاشكارىلىدى. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، 7 ناھىيە بىر شەھەردىن كەلگەن 65 نەپەر ئۇيغۇر بۇ قېتىمقى كۇرسقا قاتنىشىدىكەن.

مەلۇم بولۇشىچە، مەزكۇر كۇرس 5 كۈن داۋاملىشىپ، دىنىي زاتلارغا خىتاينىڭ دىنىي سىياسىتى، قانۇنسىز دىنىي پائالىيەتلەرگە قارشى تۇرۇش قانۇن - نىزاملىرى شۇنىڭدەك خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ 16 - نۆۋەتلىك 4 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى يەتكۈزۈش ھەمدە ئاپتونۇم رايون، ئاپتونۇم ئوبلاستلارنىڭ سىياسىي يۆنىلىشى ۋە شىنجاڭنىڭ تارىخى تەرەققىياتىنى تونۇتۇش، كۇرسنىڭ ئاساسىي مەقسىتى ئىكەن.

بۇنىڭغا ئوخشاش كۇرسلار، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ باشقا جايلىرىدىمۇ ئېلىپ بېرىلىۋاتقان بولۇپ، خىتاي ھۆكۈمىتى 1000 دىن ئارتۇق ئۇيغۇر دىنىي زاتلارنى كۇرسقا قاتنىشىشقا مەجبۇرلىغان. (ئەقىدە)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.