دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى قىرغىزىستان ھۆكۈمىتىنى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ قىرغىزىستاندىكى قانۇنلۇق پائالىيەتلىرىنى چەكلەش توغرىسىدىكى بېسىمىغا قارىماي، قىرغىزىستاندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇقىغا ھۆرمەت قىلىشقا چاقىردى .
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتيىنىڭ رەئىسى ئەركىن ئالپتېكىن "بىز قىرغىزىستان ھۆكۈمىتىدىن ئۆز پۇقرالىرىنىڭ دېموكراتىك ھەق-ھوقۇقلىرىغا ھۆرمەت قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز. گەرچە قىرغىزىستاندىكى ئۇيغۇر ئىتتىپاقى بىر ئۇيغۇر تەشكىلاتى بولسىمۇ، لېكىن بۇ تەشكىلات قىرغىزىستان پۇقرالىرى بولغان ئۇيغۇرلار تەرىپىدىن قۇرۇلغان بىر تەشكىلات" دىدى .
قىرغىزىستان كىشلىك ھوقۇق كومىتېتىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، قىرغىزىستان دۆلەت كاتىپى تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئوسماناكون ئىبراھىموف 14 - دىكابىر كۈنى قىرغىزىستاندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ قانۇنلۇق تەشكىلاتى "ئىتتىپاق" نىڭ قىرغىزىستان دۆلەتلىك دراما- تىياتىر ئىدارىسىدا يىللىق يىغىن ئىچىشىنى چەكلىگەن .
ئىبراھىموف ، "ئىتتىپاق" نىڭ رەئىسى روزىمەمەت ئابدۇلباقىيىفنىنى بېشكەكتە چىقىدىغان "ئاغىم" گىزىتىگە بەرگەن باياناتىدا، ھەربىر ئۇيغۇر كەلگۈسىدە ئۇيغۇرىستان - شەرقى تۈركىستاننىڭ مۇستەقىللىقىغا ئېرىشىدىغانلىقىغا ئىشىنىدۇ دېيىش ئارقىلىق، خىتاي- قىرغىزىستان مۇناسىۋەتلىرىنى مۇرەككەپلەشتۈرىۋەتتى" دەپ ئەيىبلىگەن .
قىرغىزىستان كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، قىرغىزىستان دۆلەت مىنىستىرى ئىبراھىموف، "ئىتتىپاق" نىڭ رەئىسى روزىمەمەت ئابدۇلباقىيىفگە، ئەگەر ئۇ مەزكۇر گېزىتكە بەرگەن باياناتىنى قايتۇرۇپ ئالسا، "ئىتتىپاق" نىڭ يىللىق يىغىنىنى دۆلەتلىك دراما- تىياتىر سارىيىدا ئۆتكۈزۈشكە رۇخسەت بىرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن . لېكىن، روزىمەمەت ئابدۇلباقىيف گېزىتگە بەرگەن باياناتىنى قايتۇرۇپ ئېلىشنى رەت قىلغاندىن كېيىن، قىرغىزىستان ئەمەلدارلىرى ئۇيغۇر ئىتتىپاقىنىڭ تىياتىر سارىيىدا يىللىق يىغىنىنى ئۆتكۈزۈشىنى چەكلىگەن . (قانات)