د ئۇ ق خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مىللىي زىددىيەتنى كۈچەيتىۋاتقانلىقىنى ئەيىپلىدى
2004.12.23
باش شىتابى گېرمانىيىدىكى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى پەيشەنبە كۈنى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى ئاتالمىش تېررورلۇق ھەرىكەتلەر ھەققىدە مەملىكەت مىقياسىدا تەشۋىقات پائالىيىتى ئېلىپ بېرىپ، خىتاي پۇقرالىرىدا ئۇيغۇر مىللىي مۇستەقىللىق ھەرىكەتلىرىگە نىسبەتەن خاتا چۈشەنچە پەيدا قىلىۋاتقانلىقىنى ئەيىپلىدى. ھەمدە بۇ ئارقىلىق، ئۇيغۇرلار بىلەن خىتايلار ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەتنى كۈچەيتىۋاتقانلىقىنى كۆرسەتتى.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونلۇق جامائەت خەۋپسىزلىك نازارىتى، ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئاتالمىش تېررورلۇق ۋە بۆلگۈنچىلىك ھەرىكەتلىرىنى باستۇرۇشتا خىزمەت كۆرسەتكەن كىشىلەردىن گۇرۇپپا تەشكىللەپ، 12 - ئاينىڭ 15 - كۈنىدىن باشلاپ، خىتاينىڭ ھەر قايسى چوڭ شەھەرلىرىدە دوكلات بېرىشكە ئورۇنلاشتۇرغان. مەزكۇر گۇرۇپپىدىكىلەر، ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئاتالمىش تېررورلۇق ھەرىكەتلىرى ۋە ئۇلارغا زەربە بېرىش يولىدا ئۆزلىرىنىڭ كۆرسەتكەن خىزمەتلىرىنى دوكلات قىلىدىكەن.
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باياناتچىسى دىلشات رىشىت، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي ئازادلىق ھەرىكەتلىرىنى قەستەن قارىلاپ، خىتاي پۇقرالىرىنىڭ ئۇيغۇرلارغا بولغان ئۆچمەنلىكىنى قوزغاۋاتقانلىقىنى قاتتىق ئەيىپلىدى.
دىلشات رىشىت شۇنداقلا يەنە، خىتاي ھۆكۈمىتىنى بۇ خىل قىلمىشلىرىنى توختىتىپ، شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنى سىياسىي يول بىلەن ھەل قىلىشقا يۈزلىنىشكە چاقىردى. (ئارزۇ)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- د ئۇ ق قىرغىزىستان ھۆكۈمىتىنى، قىرغىزىستاندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇقىنى ھۆرمەت قىلىشقا چاقىردى
- د ئۇ ق گېرمانىيە دائىرىلىرىنى ئۇيغۇرلارنىڭ تېررورلۇق ھۇجۇم پىلانلاۋاتقانلىقى ھەققىدىكى خەۋەرگە دىققەت قىلىشقا چاقىردى
- دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتا سىياسىي ھەركەتلىرىنى داۋاملاشتۇرۋاتقانلىقىنى بىلدۈرمەكتە
- ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ تۇنجى نۆۋەتلىك ئىجرائىيە كومىتېتى ھەيئەتلەر يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى