دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى " خەلق ۋەكىللىرى" نى قاتتىق ئەيىپلىدى
2005.01.16
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى يەكشەنبە كۈنى بايانات ئېلان قىلىپ، ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى ۋە سىياسىي كېڭەشنىڭ يىغىنلىرىغا قاتنىشىۋاتقان، ئاتالمىش "خەلق ۋەكىللىرى" نىڭ خەلقنىڭ ھەقىقىي تەلەپلىرىنى ئاڭلاتمايۋاتقانلىقىنى قاتتىق ئەيىپلىدى.
ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونلۇق 10 - نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 3 - ئومۇمىي يىغىنى ۋە 9 - نۆۋەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ 3 - ئومۇمىي يىغىنى بىر ھەپتىدىن بۇيان ئۈرۈمچى شەھىرىدە ئېچىلىۋاتقان ئىدى.
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باياناتچىسى دىلشات رىشىتنىڭ بىلدۈرىشىچە، ئاتالمىش خەلق ۋەكىللىرى شەرقىي تۈركىستاندىكى خەلقلەرنىڭ مەنپەئەتىگە ئۇيغۇن ئىجابىي تەشەببۇسلارنى ئەمەس، بەلكى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان دىنىي، سىياسىي ۋە مائارىپ جەھەتتىكى سىياسەتلىرىنى كۈچلەندۈرىدىغان پىكىرلەرنى ئوتتۇرىغا قويغان.
مەسىلەن، غۇلجا خەلقىنىڭ ۋەكىلى سۈپىتىدە يىغىنغا قاتناشقان غۇلجا شەھەرلىك مائارىپ ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ئابلىز ئابلىمىت، ئۇيغۇر مىللىي مائارىپىنى قانداق تەرەققىي قىلدۇرۇشنىڭ ئورنىغا، 2007 - يىلى غۇلجا شەھىرى تەۋەسىدىكى بارلىق مىللىي باشلانغۇچ - ئوتتۇرا مەكتەپلەردە پۈتۈنلەي خىتايچە ئوقۇتۇشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشنى ئوتتۇرىغا قويغان. خەلق ۋەكىلى ئۆمەرجان مىرزەخمەت، دېھقانلارنىڭ ئەمەلىي دۈچ كەلگەن مەسىلىلىرىنى ئىنكاس قىلماستىن، بەلكى كومپارتىيىنىڭ نۆۋەتتە يېزىلاردا يۈرگۈزۈۋاتقان سىياسىتىنى ماختىغان.
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى باياناتىنىڭ ئاخىرىدا، خىتاي ھۆكۈمىتىنى سۆز ئەركىنلىكىگە يول قويۇپ، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ھەقىقىي تەلەپلىرىگە قۇلاق سېلىشقا چاقىردى. (ئارزۇ)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- د ئۇ ق خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مىللىي زىددىيەتنى كۈچەيتىۋاتقانلىقىنى ئەيىپلىدى
- د ئۇ ق قىرغىزىستان ھۆكۈمىتىنى، قىرغىزىستاندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇقىنى ھۆرمەت قىلىشقا چاقىردى
- د ئۇ ق گېرمانىيە دائىرىلىرىنى ئۇيغۇرلارنىڭ تېررورلۇق ھۇجۇم پىلانلاۋاتقانلىقى ھەققىدىكى خەۋەرگە دىققەت قىلىشقا چاقىردى
- دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتا سىياسىي ھەركەتلىرىنى داۋاملاشتۇرۋاتقانلىقىنى بىلدۈرمەكتە
- ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ تۇنجى نۆۋەتلىك ئىجرائىيە كومىتېتى ھەيئەتلەر يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى