د ئۇ ق نىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئەنۋەر جان جەنۋە كىشىلىك ھوقۇق يىغىنىدا سۆز قىلدى


2005.04.14
Share on WhatsApp
Share on WhatsApp

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئەنۋەر جان، ب د ت نىڭ جەنۋە كىشىلىك ھوقۇق يىغىنىدا، خىتاي ھۆكۈمىتىنى ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي ۋە كىشىلىك ھوقۇقلىرىنى دەپسەندە قىلىش بىلەن ئەيىپلىدى.

ئەنۋەر جان، ياۋروپا پارلامېنتىدىكى دۆلەتلەر ئارا رادىكال پارتىيىسىنىڭ كاپالىتى ئاستىدا يىغىننىڭ ئالدىنقى كۈنكى مۇزاكىرىسىدە سۆز قىلىش پۇرسىتىگە ئېرىشكەن. ئۇ، يىغىندا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىنى تونۇشتۇرۇپ، "خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي ۋە كىشىلىك ھوقۇقلىرىنى كەڭ كۆلەمدە دەپسەندە قىلماقتا،" دەپ كۆرسەتتى. ئەنۋەرجان، ئۇيغۇرلارنىڭ يەر - زېمىن، سۇ ۋە تەبىئىي بايلىقلار ئىگىدارچىلىق قىلىش، ئەۋلاد قالدۇرۇش ھوقۇقى ، تىل، مەدەنىيەت ۋە مىللىي مائارىپىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، دىنىي ئىبادەت ئەركىنلىكى ئېغىر دەرىجىدە دەپسۋەندە قىلىنىۋاتقانلىقىنى تەكىتلىگەن.

ئۇ، بېيجىڭ دائىرىلىرىنى ئۇيغۇرلارنىڭ تەبىئىي كۆپىيىشىنى چەكلەش، سىياسى ۋە دىنىي مەھبۇسلارغا ئۆلۈم جازاسى بېرىش شۇنداقلا يەرلىكلەرنىڭ ئىگىدارچىلىقىدىكى يەر - زېمىن ۋە تېرىلغۇ يەرلەرنى خىتاي كۆچمەنلىرىنىڭ تارتىۋېلىشىغا قولايلىق يارىتىپ بېرىش بىلەن تەنقىدلىگەن.

بۇ دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ۋەكىلىنىڭ بۇ يىلقى جەنۋە كىشىلىك ھوقۇق يىغىنىدا 2 - قېتىم سۆزقىلىشى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. بىرىنچى قېتىم 30 - مارت كۈنى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى ئەركىن ئالپ تېكىن سۆز قىلغان. ئەنۋەر جان ب د ت نىڭ جەنۋە يىغىنىدا سۆز قىلغان كۈنى، مەركىزى نيۇ - يوركتىكى كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزۈتۈش تەشكىلاتى ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ئىبادەت ئەركىنلىكى توغرىسىدا دوكلات ئېلان قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنى ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ئىبادەت ئەركىنلىكىگە كەڭ - كۆلەمدە بۇزغۇنچىلىق قىلىش بىلەن ئەيىبلىگەن ئىدى. (ئەركىن)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.