دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى پەيشەنبە كۈنى بايانات ئېلان قىلىپ، شىۋىتسارىيە ساقچىلىرىنىڭ دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باش كاتىپى دولقۇن ئەيسا ئەپەندىگە قاراتقان يولسىز قىلمىشلىرىنى قاتتىق ئەيىبلىدى.
قۇرۇلتاي باياناتچىسى دىلشات رىشىتنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتىنىڭ يىللىق يىغىنى جەنۋەدە ئېچىلىۋاتقان بىر پەيتتە، دولقۇن ئەيسا ئەپەندى ۋە بىر قىسىم ئۇيغۇرلار گېرمانىيىدىن شىۋىتسارىيىگە كېلىپ، تىبەتلەر بىلەن بىرلىكتە 7 - ئاپرىل كۈنى ب د ت بىناسىنىڭ ئالدىدا تىنچلىق نامايىشى ئۆتكۈزگەن.
نامايىشتىن كەيىن، دولقۇن ئەيسا ئەپەندى ھەمرالىرى بىلەن مەيداندىن ئايرىلىشقا تەمشەلگەندە، شىۋىتسارىيە ساقچىلىرى ئۇلارنى قورشاۋغا ئېلىپ، دولقۇن ئەيسا ئەپەندىنىڭ كىملىك كېنىشكىسىنى تەكشۈرگەن. ئارقىدىن ئۇنى ساقچى پونكىتىغا ئېلىپ كەتكەن. ساقچىلار، دولقۇن ئەيسا ئەپەندىنى بەش سائەت ئەتراپىدا تۇتۇپ تۇرغان ھەمدە بۇ جەرياندا ئۇنىڭ ئادۋوكات بىلەن كۆرۈشۈش تەلىپىنى رەت قىلغان.
دىلشات رىشىت باياناتىدا، بۇنداق كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىنىڭ " ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتىنىڭ ئورگىنى تۇرۇشلۇق، كىشىلىك ھوقۇقنى قوغداش پايتەختى دەپ نام ئالغان جەنۋەدە يۈز بەرگەنلىكىدىن ئىنتايىن ئەپسۇسلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
دىلشات رىشىت ئاخىرىدا، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ دولقۇن ئەيسانىڭ سەۋەبسىز قولغا ئېلىنىشىغا قاتتىق نارازى بولغانلىقىنى بىلدۈردى ھەمدە بۇ نارازىلىقىنى شىۋىتسارىيە ھۆكۈمىتىگە يەتكۈزگەنلىكىنى كۆرسەتتى. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ بۇ مەسىلىگە بولغان دىققىتىنى قوزغاش ئۈچۈن داۋاملىق تىرىشىدىكەن. (ئارزۇ)