ئۇيغۇرلار مەسىلىسى، ئىتالىيىدىكى خەلقئارالىق يىغىندا ئوتتۇرىغا قويۇلىدۇ
2005.05.05
كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىلىرىگە كۆڭۈل بۆلىۋاتقان مەركىزى ئىتالىيىدىكى رېيتى مۇھاجىرلار جەمئىيىتى، ئىتالىيە تەنھەركەتچىلەر بىرلەشمىسى، فىنلاندىيە قىزىل كرېست جەمئىيىتى، گىرمانىيىدىكى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى قاتارلىق ئالتە خەلقئارالىق تەشكىلات بىرلىشىپ، چارشەنبە كۈنى ئىتالىيىنىڭ رېيتى شەھىرىدە " توساقلاردىن ئۆتۈش" تېمىسىدا يىغىن ئاچتى.
يىغىنغا قاتناشقان دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باش كاتىپى دولقۇن ئەيسا ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خەلقئارادىكى 93 تەشكىلاتنىڭ ۋەكىللىرى قاتناشقان بۇ قېتىمقى يىغىندا ئاساسلىقى، ياۋروپادىكى مۇھاجىرلار ۋە ئىلتىجاچىلار مەسىلىسى، فاشىزمغا، ئايرىمىچىلىققا ۋە ئىرقچىلىققا قارشى تۇرۇش، مەتبۇئات ۋە ئالاقە ئىشلىرىدا مەۋجۇت بولىۋاتقان مەسىلىلەر قاتارلىق تېمىلاردا مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىلىدۇ.
دولقۇن ئەيسا ئەپەندىنىڭ ئېيتىشىچە، يىغىنغا قاتناشقان ئۇيغۇر ۋەكىللىرى ياۋروپادا ئىلتىجا قىلغان ئۇيغۇرلارنىڭ مەسىلىسى ، ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيىتى ۋە مائارىپىنىڭ يوقىتىشقا ئۇچراۋاتقانلىق مەسىلىسى قاتارلىقلارنى ئوتتۇرىغا قويىدىكەن. شۇنداقلا ئۇيغۇرلار دۈچ كېلىۋاتقان كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىنى تونۇشتۇرىدىكەن. مەزكۇر يىغىن 8 - مارت كۈنىگىچە داۋاملىشىدىكەن. (ئارزۇ)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- د ئۇ ق بېيجىڭنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە "دۆلەتنى پارچىلاشقا قارشى قانۇن" نى تەشۋىق قىلغانلىقىنى ئەيىپلىدى
- ئۇيغۇرلار كانادادا يىغىن ئېچىپ، شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلىدۇ
- د ئۇ ق شىۋىتسارىيە ساقچىلىرىنىڭ يولسىز قىلمىشلىرىنى ئەيىپلىدى
- د ئۇ ق نىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئەنۋەر جان جەنۋە كىشىلىك ھوقۇق يىغىنىدا سۆز قىلدى
- دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى خىتاي ئالىي سوت مەھكىمىسىنىڭ بايانىتىنى ئەيىپلىدى