دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىللىرى ئىتالىيىدىكى "توساقلاردىن ئۆتۈش" خەلقئارا يىغىنىغا قاتناشتى

مەركىزى گېرمانىيىدىكى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باش كاتىپى دولقۇن ئەيسا قاتارلىقلار، ئالدىنقى كۈنى ئىتالىيىنىڭ رېيتى شەھرىدە ئاخىرلاشقان "توساقلاردىن ئۆتۈش" نامىدىكى خەلقئارا مۇھاكىمە يىغىنىغا قاتنىشىپ، ياۋروپا ئەللىرىدىكى ئۇيغۇر مۇساپىرلارنىڭ ئەھۋالىنى تونۇشتۇردى شۇنداقلا ئۇيغۇر مۇساپىرلارغا كۆڭۈل بۆلۈنۈشنى تەلەپ قىلدى. دولقۇن ئەيسا بۇ سۆزلەرنى يىغىننىڭ "مۇساپىرلار ۋە سىياسى پانالانغۇچىلار كومىتېتى" دىكى گۇرۇپپا مۇزاكىرە يىغىنىغا رىياسەتچىلىك قىلغاندا سۆزلىگەن.

بۇ قېتىمقى يىغىندا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ مائارىپ ئىشلار ھەيئىتى قەيسەر ئابدۇرۇسۇل، ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان ھەر خىل ئايرىمىچىلىقلار ھەققىدە مەلۇمات بەرگەن. يىغىندا سىياسى پانالانغۇچىلار ۋە مۇساپىرلار ، فاشىزىمغا قارشى خەلقئارا ئىتتىپاق، كۆپ قىرلىق ئايرىمىچىلىقلار، ئىسلام ۋە يەھۇدى دۈشمەنلىكى، مەتبۇئات، ئالاقە ۋە ئېرىقچىلىققا قارشى تۇرۇش لاھىيىلىرىنى شۇنداقلا بۇ توساقلارنى ھالقىش چارىلىرىنى مۇزاكىرە قىلغان.

"توساقلارنى ھالقىش" نامىدىكى بۇ قېتىمقى يىغىن ياۋروپا كېڭىشىنىڭ ئىقتىسادى ياردىمى بىلەن ئېچىلدى، ئەمما يىغىننى ئىتالىيىدىكى رىتى مۇھاجىرلار جەمئىيىتى، ئىتالىيە تەنھەرىكەتچىلەر بىرلەشمىسى، فىنلاندىيە قىزىل كرېست جەمئىيىتى، رۇسىيىدىكى كىشىلىك ھوقۇق ياشلار ھەرىكىتى، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى قاتارلىق تەشكىلاتلار ئۇيۇشتۇرغان.

يىغىنغا 40 قا يېقىن دۆلەتتىكى 93 ئاممىۋى تەشكىلات ۋەكىللىرى ئىشتىراك قىلدى. ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ۋەزىيىتى يىغىننىڭ مۇزاكىرە كۈنتەرتىپىگە كىرگۈزۈلگەن. يىغىندا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى ئاتوم سىناقلىرىنىڭ تەسىرى ئەكس - ئەتتۈرۈلگەن ھۆججەتلىك فىلىم "يىپەك يولىدىكى ئۆلۈم" كۆرسىتىلدى. (ئەركىن)