د ئۇ ق رەئىسى ئەركىن ئالىپتېكىن ئەپەندىنىڭ كانادادىكى زىيارىتى داۋاملاشماقتا


2005.05.16

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى ئەركىن ئالىپتېكىن ئەپەندى يەكشەنبە كۈنى كانادا ئۇيغۇر جەمئىيىتى ۋە تورونتو ئۇنىۋېرسىتېتى بىرلىكتە ئۆتكۈزگەن " خىتاي ھۆكۈمرانلىقى ئاستىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ بۈگۈنكى ئەھۋالى" تېمىسىدىكى مۇھاكىمە يىغىنىغا قاتناشتى.

ئەركىن ئالىپتېكىن ئەپەندى يىغىندا سۆز قىلىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ ياشاش شارائىتىنىڭ بارغانسىرى ناچارلىشىۋاتقانلىقىنى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ "تېررورچىلىققا قارشى تۇرۇش" نامىدا، ئۇيغۇرلارغا قاراتقان قاتتىق قول باستۇرۇش سىياسىتىنىڭ ئۆتكەنكى ھەر قانداق ۋاقىتنىڭكىدىن ئېشىپ چۈشكەنلىكىنى بىلدۈردى. ئۇ يەنە ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەزىيىتىنىڭ نۆۋەتتە بارغانسىرى خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ دىققىتىنى قوزغاۋاتقانلىقىنى كۆرسەتتى.

مۇھاكىمە يىغىنىغا، دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن كەلگەن ئۇيغۇرلار، غەرب مۇتەخەسسىسلىرى، كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ ۋەكىللىرى ۋە دىپلوماتلاردىن بولۇپ 150 كە يېقىن ئادەم قاتناشقان.

يىغىنغا قاتناشقۇچىلار، ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىنىڭ ئىنتايىن ناچارلىقىنى بىلدۈرۈپ، كانادا ھۆكۈمىتىنى بۇ ھەقتە خىتايغا بېسىم ئىشلىتىشكە چاقىردى.

بۇ قېتىمقى يىغىن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى ئەركىن ئالىپتېكىن ئەپەندىنىڭ تورونتو زىيارىتىنىڭ مۇھىم بىر تەركىبى قىسمى . بۇنىڭ ئالدىدا، ئۇ كانادانىڭ سابىق تاشقى ئىشلار مىنىستىرى، كانادا پارلامېنتى كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتىنىڭ رەئىسى دەيۋىد كىلگور ئەپەندى بىلەن كانادا پارلامېنتىدا مەخسۇس سۆھبەت ئۆتكۈزگەن.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، كىلگور ئەپەندى ئەركىن ئالىپتېكىن ئەپەندىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى ھەققىدە بەرگەن مەلۇماتىنى ئاڭلىغاندىن كىيىن، ئۇيغۇرلار دەۋاسىنىڭ كانادادا يىلتىز تارتىشىغا ئىشىنىدىغانلىقىنى ۋە ئۆزىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەزىيىتىگە بۇندىن كىيىن تېخىمۇ كۆڭۈل بۆلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ئەركىن ئالىپتېكىن ئەپەندى ئۆتكەن پەيشەنبە كۈنى كاناداغا كەلگەن بولۇپ، ئۇ سەيشەنبە كۈنى كانادادىكى زىيارىتىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، ئامېرىكىنىڭ ۋاشىنگتون شەھىرىگە كېلىدۇ ھەمدە داڭلىق ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى رابىيە قادىر خانىم بىلەن ئۇچرىشىپ، ئۇيغۇر مەسىلىسى ھەققىدە مۇزاكىرە ئېلىپ بارىدۇ. (ئارزۇ)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.