دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى: خىتاي ھۆكۈمىتى "قەرەللىك بومبا" ھازىرلاۋاتىدۇ


2005.09.30

مەركىزى گېرمانىيىدىكى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى جۈمە كۈنى بايانات ئېلان قىلىپ، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ۋەزىيىتىنى قەرەللىك بومبىغا ئوخشاتتى.

قۇرۇلتاينىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 50 يىللىقىنى تەبرىكلەش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلۈشتىن بىر كۈن ئىلگىرى ئېلان قىلغان باياناتىدا، "سىياسى جەھەتتىكى باستۇرۇش، مەدەنىيەت جەھەتتىكى ئاسسىمىلياتسىيە، ئىقتىسادىي ئېكسپىلاتاتسىيە، ئېكېلوگىيىلىك بۇزغۇنچىلىق ۋە ئىرقىي كەمسىتىش سىياسىتى شەرقىي تۈركىستاننى قەرەللىك بومبىغا ئايلاندۇرۇپ قويدى،" دەپ تەكىتلىدى.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ئاگاھلاندۇرۇشىچە، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ سىياسىتى شەرقىي تۈركىستاندا خىتايغا قارشى كەيپىياتنى يۇقىرى كۆتۈرۈش رولىنى ئوينىغان.

بۇنىڭدىن ئىلگىرى شەرقىي تۈركىستان ئازادلىق تەشكىلاتى، ئەگەر خىتاي ھۆكۈمىتى رايوندىكى سىياسىتىنى ئۆزگەرتمىسە، قوراللىق ۋاستىلارنى قوللىنىدىغانلىقىنى ئاگاھلاندۇرغان.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باياناتچىسى دىلشات رىشىت، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى قوراللىق كۈرەش يولىنى تۇتمايدۇ، قوللىمايدۇ ۋە بۇنىڭغا ئىلھاملاندۇرمايدۇ، دېدى. ئەمما ئۇ، شەرقىي تۈركىستان ئازادلىق تەشكىلاتىنىڭ قوراللىق ۋاستىلارنى قوللىنىش توغرىسىدىكى باياناتىغا باھا بېرىشنى رەت قىلدى. (ئەركىن)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.