دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى خىتاينى ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنى غەربكە قارشى كۈشكۈرتۈش بىلەن ئەيىبلىدى

خىتاي تاشقىي ئىشلار مىنىستىرلىقى سەيشەنبە كۈنى غەرب مەتبۇئاتلىرىنى مۇھەممەد پەيغەمبەرنىڭ ھەجىۋى رەسىمىنى ئېلان قىلىپ،مۇسۇلمانلارنىڭ دىنىي ھىسسىياتىغا ئازار بېرىش بىلەن ئەيىبلىگەندىن كېيىن، مەركىزى گېرمانىيىدىكى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇليىتى شۇ كۈنى ئېلان قىلغان باياناتىدا، خىتاي ھۆكۈمىتى مۇسۇلمانلارنىڭ دىنىي ھىسسىياتى ئازار يىگەنلىكىنى باھانە قىلىپ، ئۇيغۇرلارنى غەرپ ئەللىرىگە قارشى كۈشكۈرتمەكتە دەپ ئەيىبلىدى.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باياناتچىسى دىلشات رىشىت، " بىز ئاخبارات ئەركىنلىكىنى قوللايمىز، ئەمما ئاخبارات ئەركىنلىكى ھەر قايسى دىن مۇخلىسلىرىنىڭ دىنىي ھىسسىياتىنى ھۆرمەت قىلىش چېگرىسىدىن ھالقىپ كەتمەسلىكى كېرەك،دەپ قارايمىز" دېدى. ئۇ، " خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ ۋەقەنى باھانە قىلىپ، ئۇيغۇر، تۇڭگان قاتارلىق مۇسۇلمان خەلقلەرنى غەربكە قارشى كۈشكۈرتۈشكە ئۇرۇنماقتا. ئەگەر بېيجىڭ ھۆكۈمىتىنىڭ پەيغەمبىرىمىزنى ھۆرمەت قىلىش مەيلى بولسا، ئالدى بىلەن شەرقىي تۈركىستاندىكى مەسچىت دەرۋازىلىرىغا ئېسىلغان ئاياللار، ياش - ئۆسمۈرلەر، ئىشچى - خىزمەتچىلەر مەسچىتكە كىرىشكە بولمايدۇ، دەپ يېزىلغان لوزۇنكىلارنى ئېلىۋېتىش كېرەك، رامىزان ئېيىدا ئوقۇتقۇچى، ئوقۇغۇچى ۋە دۆلەت ئىشچى‏- خىزمەتچىلىرىنى تاماق يىيىشكە زورلىماسلىقى كېرەك" دەيدۇ.

كۇڭ چۈەن، سەيشەنبە كۈنى ئېلان قىلغان باياناتىدا تەرەپلەرنى ئۆزىنى تۇتۇۋېلىشقا چاقىرىپ، " كېسەلنى داۋالاشنىڭ پرىنسىپى ئوخشىمىغان دىنلار ۋە مەدەنىيەتلەر ئۆز ‏- ئارا بىر - بىرىنى ھۆرمەت قىلىش، تىنچلىقتا بىرگە تۇرۇش ۋە ئۆز ئارا ماسلىشىش " دەپ تەكىتلىگەن. ئۇ، " بىز مۇناسىۋەتلىك تەرەپلەرنىڭ تەمكىن بولۇش، سوغۇققان بولۇشىنى ۋە مەسىلىنىڭ ئالاقە - دىئالوگ يولى بىلەن ھەل قىلىنىشىنى ئۈمىد قىلىمىز " دەيدۇ.

بۇ ئارىدا دانىيىنىڭ ھىندونېزىيىدىكى ئەلچىخانىسى نامايىشچىلار تەرىپىدىن تاش بورانغا تۇتۇلغان. دانىيە ھۆكۈمىتى بۇ دۆلەتتىكى پۇقرالىرىنى ھىندونېزىيىدىن ئايرىلىشقا چاقىردى. پاكىستاندا سەيشەنبە كۈنى 5000 كىشى نامايىش قىلغان. فىلىپىندا مۇسۇلمانلار دانىيە بايرىقىنى كۆيدۈردى. (ئەركىن)