ئورگىنى گېرمانىيىدە تۇرىدىغان دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتېيىنىڭ رەئىسى ئەركىن ئالىپ تېكىن ئەپەندى ئامېرىكىنىڭ دېموكراتىيىنى ئىلگىرى سۈرۈش فوند جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى كارل گېرىشمان ئەپەندىگە ۋە ئامېرىكا دېموكراتىيىنى ئىلگىرى سۈرۈش فوند جەمئىيىتىنىڭ ئاسىيا ئىشلىرىغا مەسئۇل مۇدىرى لۇيىسا كوئەن گېرىۋ خانىمغا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتېيىنىڭ خىزمەتلىرى ئۈچۈن 90 مىڭ ئامېرىكا دوللىرى مەبلەغ ئاجرىتىپ بەرگەنلىكى ئۈچۈن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتېيى نامىدىن رەھمەت ئېيتتى.
ئەركىن ئالىپ تېكىننىڭ رەھمەت خېتىدە بايان قىلىشىچە، ئامېرىكا دېموكراتىيە فوند جەمئىيىتى ئىككى يىل داۋام قىلغان مۇزاكىرە، كېڭىشىش، سۆھبەت ئارقىلىق بۇيىل 6 ئاينىڭ 9 - كۈنى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتېيىغا 'دېموكراتىيە ۋە كىشىلىك ھۇقۇق پروگراممىسى' دەپ ئاتالغان ئۇيغۇر رەھبەرلىرىنى يېتىشتۈرۈشنى مەقسەت قىلغان خىزمەت ئۈچۈن 90 مىڭ ئامېرىكا دوللىرى مەبلەغ ئاجرىتىشنى تەستىقلىغان ئىدى. بۇ ھەقتە 7 - ئاينىڭ 2 - كۈنى رەسمىي ھۆججەت چۈشكەن. (ۋەلى)