د ئۇ ق خىتاينىڭ ئاز سانلىق مىللەتلەرگە بەرگەن ۋەدىلىرگە ئەمەل قىلمىغانلىقىنى ئەيىبلىدى
2005.06.28
مەركىزى ئاگېنتلىقىنىڭ 28 - ئىيۇن كۈنىدىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، 7 - ئاينىڭ 1 - كۈنى خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 78 يىللىقى بولۇپ، بۇ مۇناسىۋەت بىلەن شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونىنىڭ مۇستەقىللىقى ئۈچۈن پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى، خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسىنىڭ ئەينى دەۋىردە ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش ھوقۇقىغا ئىگە ئىكەنلىكى ھەققىدە بەرگەن ۋەدىسىدە تۇرۇشىنى تەشەببۇس قىلدى.
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باياناتچىسى دىلشات رىشىت مەركىزى ئاگېنتلىقنىڭ مۇخبىرىغا مۇنداق دېدى:
"خىتاي كومپارتىيىسى يېڭى قۇرۇلغان چاغدىكى 1 - قېتىملىق دۆلەتلىك ۋەكىللەر قۇرۇلتىيىدا مۇنداق قارار ماقۇللانغان: دۆلەتنىڭ ئاساسىي قانۇنىدا، مىللەتلەرنىڭ ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش سىياسىتىنى قەتئىي ئېتىراپ قىلىش ھەمدە ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ جوڭخۇئا سوۋېت ھاكىمىيىتىدىن ئايرىلىپ چىش ياكى قوشۇلۇپ كىرىش ئەركىنلىكىگە رۇخسەت قىلىش دېگەنلەر بەلگىلەنگەن".
ئۇ يەنە مۇنداق دېدى: "خىتاي كومپارتىيىسى قۇرۇلغاندىن بۇيانقى 78 يىللىق تارىخىدا، 1 - قېتىملىق قۇرۇلتىيى ماقۇللىغان دۆلەت ئاساسىي قانۇنىنى، شىنجاڭدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەشتەك قانۇنىي ھوقۇقىنى ھەمدە پۇقرالارنىڭ ئەركىن تاللاش ھەقلىرىنى ئەزەلدىن ئىجرا قىلىپ باقمىدى". (قانات)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- ئىسمايىل تىلىۋالدى: ش ئۇ ئا ر نىڭ 50 يىللىقىنى تەبرىكلەش زور سىياسى ۋەقە
- د ئۇ ق رەئىسى ئەركىن ئالىپتېكىن ئەپەندىنىڭ كانادادىكى زىيارىتى داۋاملاشماقتا
- دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىللىرى ئىتالىيىدىكى "توساقلاردىن ئۆتۈش" خەلقئارا يىغىنىغا قاتناشتى
- ئۇيغۇرلار مەسىلىسى، ئىتالىيىدىكى خەلقئارالىق يىغىندا ئوتتۇرىغا قويۇلىدۇ