د ئۇ ق 11 - سېنتەبىر ۋەقەسى مۇناسىۋىتى بىلەن بايانات ئېلان قىلدى
2007.09.11
ئامېرىكىدا يۈز بەرگەن تېررورلۇق ھۇجۇمىنىڭ 6 يىللىق مۇناسىۋىتى بىلەن بۈگۈن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى بايانات ئېلان قىلدى.
بۇ مۇناسىۋەت بىلەن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتېيىنىڭ باياناتچىسى دىلشات رېشىت، ئالدى بىلەن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ھەرقايسى دۆلەتتىكى ئەزالىرىنىڭ ئامېرىكا خەلقى بىلەن بىرلىكتە، تېررورلۇق ھۇجۇمىدا قۇربان بولغانلارغا تەزىيە بىلدۈرىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.
دىلشات رېشىت سۆزىدە، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ دېموكراتىك دۆلەت ئەللىرىنىڭ خەلقى بىلەن بىرلىكتە، تېررورچىلىق ھەركەتلىرىگە قارشى تۇرىدىغانلىقىنى بولۇپمۇ خىتاي كوممۇنىستلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتا يۈرگۈزىۋاتقان دۆلەت تېررورچىلىقىنى قاتتىق ئەيىبلەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئامېرىكا ۋە غەرب ئەللىرىنىڭ تېررورچىلىققا قارشى كۈرىشىدىن پايدىلىنىپ، ئۇيغۇر مەدەنىيىتى، دىنىي ۋە سۆز ئەركىنلىكىنى ئىزچىل باستۇرۇپ كېلىۋاتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان دىلشات رېشىت": بۈگۈن، ئۇيغۇرلار دۇنيادا ئاز ئۇچرايدىغان دۆلەت تېررورچىلىقىنىڭ قۇربانىغا ئايلاندى، خىتاي ئۇيغۇر مىللىتىنى يوق قىلىش ئۈچۈن، ئالدى بىلەن ئۇنىڭ تىلىنى يوق قىلىش ئىستراتېگىيىسىنى ئىشلىتىپ، ئۇيغۇر مائارىپىنىڭ ئورنىغا خىتاي مائارىپىنى دەسسەتتى، ئۇيغۇرلارنى خىتايلاردىن پەرقلەندۈرۈپ تۇرىدىغان دىنىي ئۆرپ ئادەتلىرىدىن مەھرۇم قالدۇرۇش ئۈچۈن، دىنىي ئەركىنلىكتىن چەكلىدى، ئۇيغۇرلارنى سىياسىي ھوقۇققا ئىگە بولالمايدىغان ئەسىر مىللەت قىلىش ئۈچۈن، ھۆكۈمەتكە نارازىلىق بىلدۈرگەن ئۆكتىچىلەرنى باستۇردى، تۈرمىلەرگە تاشلىدى ھەتتا دۇنيادا ئاز ئۇچرايدىغان ئۆلۈم جازاسى بىلەن جازالىدى ،" دېدى.
دىلشات رېشىت ، خىتاينىڭ تېررورچىلىققا زەربە بېرىش كۈرىشىدىن پايدىلىنىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ دېموكراتىيە ۋە كىشىلىك ھوقۇق ئۈچۈن ئېلىپ بېرىۋاتقان ھەققانىي كۈرەشلىرىنى، دۇنيا جامائەتچىلىكىگە " تېررورلۇق "ھەرىكەت قىلىپ كۆرسىتىشتەك رەزىل نىيىتىنىڭ ئىشقا ئاشمايدىغانلىقىنى يەنە بىر قېتىم تەكىتلىدى. (ئەقىدە)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- ئۇيغۇرلار يەنە باستۇرۇش نىشانى قىلىپ تاللاندى
- سانجىدا كان ۋەقەسى يۈز بېرىپ يەتتە ئادەم ئۆلدى
- د ئۇ ق ئىجرائىيە كومىتېتىنىڭ يىغىنى ئاخىرلاشتى
- بۈگۈر ناھىيىسىدە كان رايونىدا يۈز بەرگەن ئاپەتتە 11 كىشى ئىز - دېرەكسىز يوقاپ كەتكەن
- ئۇيغۇر ئېلىدىكى كۆمۈركان ۋەقەسى يۈز بەردى
- د ئۇ ق نىڭ گوللاندىيىدىكى پائالىيەتلىرى غەلىبىلىك ئاياغلاشتى
- د ئۇ ق ۋەكىللىرى ياۋرۇپا پارلامېنتىدا زىيارەتتە بولدى
- د ئۇ ق ئىككىنچى نۆۋەتلىك قۇرۇلتېيىنىڭ 1 - نۆۋەتلىك ئىجرائىيە كومىتيىتى يىغىنى ۋە تۇنجى نۆۋەتلىك ئۇيغۇر رەھبەرلەرنى تەربىيىلەش يىغىنى داۋاملاشماقتا (2)
- د ئۇ ق ئىككىنچى نۆۋەتلىك قۇرۇلتېيىنىڭ 1 - نۆۋەتلىك ئىجرائىيە كومىتيىتى يىغىنى ۋە تۇنجى نۆۋەتلىك ئۇيغۇر رەھبەرلەرنى تەربىيىلەش يىغىنى غەلبىلىك ئېچىلدى(1)