دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتېيىنىڭ باياناتچىسى دىلشات رىشىت بۈگۈنكى باياناتىدا ئۈچ نۇقتىنى تەكىتلىدى
-
2008-01-30 -
-
-
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتېيىنىڭ باياناتچىسى دىلشات رىشىت بۈگۈن ئېلان قىلغان باياناتىدا،خىتاي كوممۇنىست پارتىيە مەركىزى كومىتېتىنىڭ سىياسىي -قانۇن سېكرىتارى جۇ يۇڭكاڭنىڭ 'خىزمەت تەكشۈرۈش' دېگەن نام بىلەن ئۇيغۇر يۇرتلىرىغا كېلىپ، ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇشنى ئورۇنلاشتۇرۇۋاتقانلىقىنى ئەيىبلىدى.
- جۇ يۇڭكاڭنىڭ 'خىزمەت تەكشۈرۈش' دېگەن نام بىلەن كېلىپ ئېلىپ بېرىۋاتقان پائالىيەتلىرىدىن قارىغاندا،- دەيدۇ دىلشات رىشىت باياناتىدا، - خىتاي ھۆكۈمىتى كۈندىن-كۈنگە كەسكىنلىشىۋاتقان ئۇيغۇر مەسىلىسىنى باستۇرۇش ئۈچۈن، باھار پەسىللىك قاتتىق زەربە بېرىش ھەرىكىتىنى ئورۇنلاشتۇرماقچى بولۇۋاتىدۇ، ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇش ئۈچۈن بىڭتۇەننى سىياسىي -قانۇن جەھەتتىن ئارىلىشىشقا رىغبەتلەندۈرۈۋاتىدۇ.
دىلشات رىشىت باياناتىدا، ئۇيغۇر خەلقى تىنچلىقپەرۋەر مىللەت، سىرتنىڭ بېسىمى بولمىغان ھالدا ئۆزىنىڭ ئەنئەنىسى بۇيىچە تىنچ تۇرمۇش كەچۈرۈشنى خالايدۇ. كوممۇنىست خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارغا قاراتقان ھەر قانداق شەكىلدىكى باستۇرۇش ھەرىكىتىنى توختىتىشى كېرەك، سىياسىي جىنايەتچىلەرنى شەرتسىز قويۇپ بېرىشى كېرەك، كوممۇنىست خىتاي ھۆكۈمىتى بىلەن سىياسىي كۆز قارىشى ئوخشاش بولمىغان ئۇيغۇرلارغا خەلقئارالىق قانۇن ئۆلچەملىرى بىلەن مۇئامىلە قىلىشى كېرەك،دەپ تەكىتلىدى. (ۋەلى)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- د ئۇ ق دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنى نامايىشقا تەشكىللىدى
- "1 - ئۆكتەبىر شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ ئازاپلىق تارىخىنىڭ باشلانغان كۈنى"
- ئامېرىكا كونسۇلخانىسى دولقۇن ئەيسانى ئىپتار زىياپىتىگە تەكلىپ قىلدى
- د ئۇ ق 11 - سېنتەبىر ۋەقەسى مۇناسىۋىتى بىلەن بايانات ئېلان قىلدى
- د ئۇ ق ئىجرائىيە كومىتېتىنىڭ يىغىنى ئاخىرلاشتى
- د ئۇ ق نىڭ گوللاندىيىدىكى پائالىيەتلىرى غەلىبىلىك ئاياغلاشتى
- د ئۇ ق ۋەكىللىرى ياۋرۇپا پارلامېنتىدا زىيارەتتە بولدى
- د ئۇ ق ئىككىنچى نۆۋەتلىك قۇرۇلتېيىنىڭ 1 - نۆۋەتلىك ئىجرائىيە كومىتيىتى يىغىنى ۋە تۇنجى نۆۋەتلىك ئۇيغۇر رەھبەرلەرنى تەربىيىلەش يىغىنى داۋاملاشماقتا (2)
- د ئۇ ق ئىككىنچى نۆۋەتلىك قۇرۇلتېيىنىڭ 1 - نۆۋەتلىك ئىجرائىيە كومىتيىتى يىغىنى ۋە تۇنجى نۆۋەتلىك ئۇيغۇر رەھبەرلەرنى تەربىيىلەش يىغىنى غەلبىلىك ئېچىلدى(1)
- د ئۇ ق نىڭ نۆۋەتتىكى يىغىنى گوللاندىيىدە ئېچىلدى