دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ب د ت نىڭ ئۇيغۇر ئېلىدا تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشىنى تەلەپ قىلدى


2008.03.21

مەركىزى گېرمانىيىدىكى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى جۈمە كۈنى چەتئەلدىكى خىتاي ۋە غەرب مەتبۇئاتلىرىدا بايانات ئېلان قىلىپ، ب د ت نىڭ ئۇيغۇر ئېلىدا تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشىنى ۋە زادى كىمنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدا تېررورلۇق ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىنى ئۈزۈل - كېسىل ئېنىقلاشنى تەلەپ قىلدى.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى باياناتچىسى دىلشات رېشىت مۇنداق دەيدۇ، "خىتاي ھۆكۈمىتى 11 - سېنتەبىر ۋەقەسىدىن بېرى تېررورىزمغا قارشى تۇرۇشتىن پايدىلىنىپ، ئۇيغۇر خەلقىنى باستۇرۇپ كەلدى. ھازىرغىچە بەزى ۋەقەلەرنى ئويدۇرۇش، ياساپ چىقىش ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنى تېررورىزم بىلەن ئەيىبلەۋاتىدۇ." دىلشات رېشىتنىڭ بۇ سۆزى خىتاي دائىرىلىرىنىڭ يېقىندا ئايروپىلان پارتلانماقچى بولغان بىر شەرقىي تۈركىستان گۇرۇھىنىڭ ھەرىكىتىنى مەغلۇپ قىلغانلىقىغا دائىر بايانلىرىغا قارىتىپ ئېيتىلغان.

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى پارتكومىنىڭ سېكرىتارى ۋاڭ لېچۈئەن ئالدىنقى كۈنى ئايروپىلان پارتلاتماقچى بولغان بۇ گۇرۇھتىكى ئۇيغۇر قىز بىلەن يەنە بىر ئەرنىڭ يېنىدىن پاكىستان پاسپورتى چىققانلىقى، يەنە بىر ئەردە ئوتتۇرا ئاسىيا پاسپورتى بارلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن ئىدى. لېكىن دىلشات رېشىت " ب د ت كىمنىڭ تېررورلۇق ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىنى تەكشۈرسۇن. كىمنىڭ خالىغانچە تۇتقۇن قىلىش، تەن جازاسى بېرىش ۋە باستۇرۇش ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىنى ئېنىقلىسۇن،" دېدى. (ئەركىن)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.