د ئۇ ق ئولىمپىك مەشئىلىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىن ئۆتۈشىگە نارازىلىق بىلدۈرۈپ بايانات ئېلان قىلدى
مۇخبىرىمىز جۈمە خەۋىرى
2008.06.16
2008.06.16
باياناتتا خىتاينىڭ 2001 - يىلى ئولىمپىك ساھىبخانلىقىنى ئېلىش ئالدىدا، ئولىمپىكتىن بۇرۇن خىتايدا كىشىلىك ھوقۇقنى ياخشىلاش توغرىلىق دۇنيا جامائەتچىلىكىگە بەرگەن ۋەدىسىگە ۋاپا قىلمىغانلىقى ھەمدە ئولىمپىك يېقىنلىشىپ كەلگەنسېرى خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە ھەرخىل شەكىلدە باستۇرۇش ھەرىكەتلىرىنى كۈچەيتكەنلىكى كۆرسىتىلگەن شۇنىڭدەك "ئۇيغۇرلار ھېلىھەم، جازاغا تارتىلىش، جەمئىيەتنىڭ سىرتىدا قالدۇرۇلۇش، مەدەنىيەت كىملىكىنىڭ نېگىزىنى يوقىتىپ ئاسسىمىلياتسىيە بولۇپ كېتىش ئەندىشىسى ئىلكىدە ھەمدە دىنى ۋە ئىقتىسادى ھوقۇقلىرىدىن مەھرۇم بولغان ھالدا ياشىماقتا" دەپ ئوتتۇرىغا قويۇلغان.
قۇرۇلتاي باياناتچىسى دىلشات رىشىتنىڭ باياناتى، ب ب س، رويتېرس، فرانسىيە ئاگېنتلىقى ۋە بىرلەشمە ئاگېنتلىقى قاتارلىق چوڭ ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ ھەممىسىدە تەڭلا نەقىل ئېلىپ خەۋەر قىلىندى ھەمدە بۇ ئاخبارات ئورگانلىرىنىڭ دىققىتى ئۇيغۇر دىيارىغا مەركەزلەشتى.
خەۋەرلەرگە قارىغاندا يەرلىك خىتاي ھاكىمىيىتى مەزكۇر پائالىيەتنى ئاممىنىڭ كۆزىدىن يىراق قىلىش ئۈچۈن تاماشىبىن ئاممىنى ئامال بار نەق مەيدانغا كەلمەسلىككە دەۋەت قىلغان ھەمدە ھەرخىل بەلگىلىمىلەرنى ئېلان قىلغان.
ھازىر يەرلىك خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ ھەقتە ھەرخىل ئاگاھلاندۇرۇشلارنى ئېلان قىلغان بولۇپ، رويتېرس ئاگېنتلىقىدا ئۇيغۇر ئېلىدە چىقىدىغان گېزىتلەردىن نەقىل ئېلىپ خەۋەر قىلىنىشىچە، ئولىمپىك مەشئىلىنى يەتكۈزۈش پائالىيىتى جەريانىدا "مەدەنىيەتسىز قىلمىشلار" نى سادىر قىلغۇچىلارنىڭ جاجىسىنى يەيدىغانلىقى ھەمدە خىتاي ھۆكۈمىتى ۋە "ئۈرۈمچىنىڭ يۈزىنى تۆكىدىغان شوئارلارنى توۋلىماسلىق" قاتارلىق نۇرغۇن بەلگىلىمىلەرنى ئېلان قىلغان.
خەۋەردە يەنە، ئۈرۈمچىنىڭ خىتايلار ئولتۇراقلاشقان رايونلىرىدا خىتاي بايرىقىنى ئېسىپ مەشئەل كۈتۈۋېلىشقا تەييارلىق كۆرۈلگەنلىكى، ئۇيغۇرلار ئولتۇراقلاشقان رايونلاردا بۇنداق شەپىنىڭ ئانچە كۈچلۈك ئەمەسلىكى كۆرسىتىلگەن. مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي ساقچىلىرى ۋە قوراللىق ساقچى قىسىملىرى مەشئەل ئۆتىدىغان لىنىيىنى 16 - ئىيۇندىن باشلاپ قامال قىلغان بولۇپ، رويتېرستا كۆرسىتىشىچە، يەرلىك ئۇيغۇرلار مەشئەل يەتكۈزۈش پائالىيىتىگە يەنىلا قىزىقمايدىغانلىقىنى ئىپادىلەشكەن.
خىتاينىڭ مۇناسىۋەتلىك تارماقلىرى ئىلگىرى مەزكۇر مەشئەلنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىن 26 - ئىيۇندىن باشلاپ ئۆتىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن بولسىمۇ، ئەمما تۇيۇقسىز ھالدا مەشئەل ئۆتكۈزۈش ۋاقتىنى ئالدىغا سۈرۈپ 17 - ئىيۇنغا ئۆزگەرتكەنلىكىنى ئۇقتۇردى.









