ئەركىن ئالپتېكىن دۇنيا ئىسلام كېڭىشى تەشكىلاتىغا ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ئەركىنلىكى ھەققىدە مۇراجىئەتنامە يوللىدى


2006.02.10
Share on WhatsApp
Share on WhatsApp

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى ئەركىن ئالپتېكىن پەيشەنبە كۈنى دۇنيا ئىسلام ئەللىرى يىغىنى تەشكىلاتىغا مۇراجىئەتنامە ئېلان قىلىپ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسساللامنىڭ ھەجىۋى رەسىمىگە شىددەتلىك ئىنكاس قايتۇرغان، ئەمما ئۇيغۇرلارنىڭ مەسچىتكە كىرىش، روزا تۇتۇش ۋە ھەج ئىبادىتى چەكلەنسە ئىنكاس قايتۇرمىغان دۇنيا ئىسلام تەشكىلاتى دۆلەتلىرىنى ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ۋەزىيىتىگە كۆڭۈل بۆلۈشكە چاقىردى.

ئۇ، دۇنيا ئىسلام تەشكىلاتىغا يازغان مۇراجىئەتنامىسىدە، " ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ئېتىقادى ئۇلارنى كونترول قىلىشنىڭ قورالىغا ئايلىنىپ قالماقتا. يېقىندىن بېرى خىتاي دائىرىلىرى ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان تىزگىنلەشنى كۈچەيتىپ، دۆلەت ۋە ھۆكۈمەت ئىشچى - خىزمەتچىلىرى، ياش- ئۆسمۈرلەر، پارتىيە ئەزالىرى ۋە ئاياللارنىڭ مەسچىتكە كىرىشىنى چەكلىدى" دەپ يازغان. ئەركىن ئالپتېكىن مۇراجىئەتنامىسىدە، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ھوقۇقىنى دەپسەندە قىلىش بىلەن بىرگە، دىنىي زاتلارنى قولغا ئېلىش، زىندانغا تاشلاش، تەن جازاسى بېرىش، ئۆلتۈرۈش ۋە رېجىم ئاستىدا تۇتۇش سىياسىتى ئىجرا قىلىپ كېلىۋاتقانلىقىنى مىساللار بىلەن تەكىتلىدى.

ئۇ، " خىتاي دائىرىلىرىنىڭ مەۋجۇت سىياسىتى شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى ئۈمىدسىزلىك ۋە بۇرۇختۇملۇققا مەھكۈم قىلماقتا. بۇ ئۈمىدسىزلىك ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنى زور تەۋەككۈلچىلىككە مەجبۇرلىشى مۈمكىن " دەيدۇ. ئەركىن ئالپتېكىننىڭ دۇنيا ئىسلام تەشكىلاتىغا يازغان مۇراجىئەتنامىسى پەيغەمبەر ئەلەيھىسساللامنىڭ ھەجۋى رەسىمى دانىيە گېزىتىدە ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، ئىسلام دۇنياسىدا زور نارازىلىق پەيدا قىلغان ۋەزىيەتكە توغرا كەلدى. ئەمما خىتاي دائىرىلىرىنىڭ مۇسۇلمانلارغا بۇيرۇلغان دىنىي پەرىزلەرنى چەكلەش سىياسىتى ئىسلام دۇنياسىدا ھەزرىتى مۇھەممەدنىڭ ھەجىۋى رەسىمىچىلىك ئىنكاس قوزغىيالمىغان.

مۇراجىئەتنامىسىنىڭ ئاخىرىدا ئەركىن ئالپتېكىن، دۇنيا ئىسلام ئەللىرى يىغىنى تەشكىلاتى رەھبەرلىكىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندا تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىش، دىنىي ۋە سىياسى ئۆكتىچىلەرگە ئۆلۈم جازاسى بېرىشنى توختىتىش، ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيەت، دىنىي ۋە مىللىي كىملىكىنى قوغداشقا كاپالەتلىك قىلىشنى تەلەپ قىلدى. (ئەركىن)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.