د ئۇ ق 2‏ - نۆۋەتلىك ئۇيغۇر رەھبەرلىرىنى دېموكراتىيە ۋە خەلقئارا قانۇن بۇيىچە تەربىيىلەش كۇرسى بېرلىندا باشلاندى

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى،ۋاكالەتسىز مىللەتلەر تەشكىلاتى ۋە ئامېرىكىنىڭ دېموكراتىيىنى ئىلگىرى سۈرۈش فوندى جەمئىيىتى بىرلىكتە تەشكىللىگەن، 2 - نۆۋەتلىك ئۇيغۇر رەھبەرلىرىنى دېموكراتىيە ۋە خەلقئارا قانۇن بۇيىچە تەربىيىلەش كۇرسى 2008 ‏ - يىلى 4 ‏ - ئاينىڭ 21 ‏ - كۈنى گېرمانىيىنىڭ پايتەختى بېرلىن شەھىرىدە باشلاندى.
مۇخبىرىمىز ئۆمەر قانات خەۋىرى
2008-04-22
Share

 كۇرسىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا، ئامېرىكا، كانادا، ئاۋسترالىيە، قازاقىستان، گېرمانىيە فرانسىيە، نورۋېگىيە، تۈركىيە ۋە ئاسىيا دۆلەتلىرىدىن بولۇپ 13 دۆلەتتىن كەلگەن ئۇيغۇر ۋە خەلقئارالىق كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى مەسئۇللىرى، كىشىلىك ھوقۇق مۇتەخەسسىسلىرى، تونۇلغان سىياسىيونلار ۋە شۇنىڭدەك گېرمانىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ خادىملىرى،گېرمانىيىدىكى نوپۇزلۇق رادىئو تېلېۋىزىيە،گېزىت، ژورناللارنىڭ مۇخبىرلىرى بولۇپ 100 دىن ئارتۇق كىشى قاتناشقان.

ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ يېتەكچى ۋە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى، رابىيە خانىم كۇرسىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدا سۆز قىلىپ، بۇ كۇرسىنىڭ يەنە بىر قېتىم ئېچىلغانلىقىنى تەبرىكلەش بىلەن بىر ۋاقىتتا بۇ قېتىمقى ئۇيغۇر رەھبەرلىرىنى دېموكراتىيە ۋە خەلقئارا قانۇن بۇيىچە تەربىيىلەش كۇرسىنى تەشكىللەشكە ياردەم قىلغان ھەر قايسى كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى، دېموكراتىيىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئورگانلىرى،مۇناسىۋەتلىك مۇتەخەسسىس ۋە شەخسلەرگە ھەمدە بۇ كۇرسقا قاتنىشىش ئۈچۈن يىراق ئەللەردىن كەلگەن كۇرس قاتناشقۇچىلىرىغا ۋە ئۇيغۇر مەسىلىسىگە كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان ھەر قايسى ئورۇنلارغا رەھمەت ئېيتىپ، كۇرسىنىڭ غەلىبىلىك بولۇشىغا تىلەكداشلىق بىلدۈردى.

2‏ - نۆۋەتلىك ئۇيغۇر رەھبەرلىرىنى دېموكراتىيە ۋە خەلقئارا قانۇن بۇيىچە تەربىيىلەش كۇرسى، 4 ‏ - ئاينىڭ ‏‏ 23 ‏ - كۈنى ئاخىرلىشىدۇ.
بىرىنچى قېتىملىق كۇرس 2007 ‏ - يىلى 6 ‏ - مايدىن 11 ‏ - مايغىچە گوللاندىيىنىڭ دېھن ھائاگ شەھىرى ۋە بېلگىيىنىڭ پايتەختى بىرىيۇكسېلدا ئۆتكۈزۈلۈپ ناھايىتى ياخشى نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلگەن ئىدى.
پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت