د ئۇ ق رابىيە قادىر باشچىلىغىدىكى ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسىنىڭ يېڭى ھەيئەتلىرىنى تەبرىكلىدى

باش شىتابى گېرمانىيىدىكى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى چارشەنبە كۈنى بايانات ئېلان قىلىپ، ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسلىكىگە تەيىنلەنگەن ئاتاغلىق كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى رابىيە قادىر خانىمنى ۋە باشقا ھەيئەتلەرنى تەبرىكلىدى.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى ئەركىن ئالپتېكىن نامىدا يېزىلغان بۇ باياناتتا، " رابىيە خانىمنىڭ ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمسىىنىڭ رەئىسلىكىگە سايلانغانلىقى، مىللىي داۋايىمىزنىڭ ئامېرىكىدا ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسىنى مەركەز قىلغان ھالدا تېخىمۇ راۋاجلىنىش ۋە تەشكىلىي قۇرۇلمىنىڭ تېخىمۇ كۈچلىنىش يولىدىكى تارىخىي بىر ۋەقە" دەپ كۆرسىتىلگەن.

باياناتتا يەنە، ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسىنىڭ نەچچە يىللىق كۆزگە كۆرۈنەرلىك نەتىجىلىرى تەبرىكلەنگەن ھەمدە رابىيە خانىمنىڭ خىتاي تۈرمىسىدىن چىقىپ ۋاشىنگتونغا قەدەم باسقان كۈنىدىن بۇيان ، پۈتۈن جاسارىتى بىلەن تىنىم تاپماستىن شەرقىي تۈركىستان مەسىلىلىرىنى دۇنيا جامائەتچىلىكىگە، جۈملىدىن ئامېرىكا، ياۋرۇپا پارلامېنتلىرى ۋە ھۆكۈمەتلىرىگە ئاڭلىتىش يولىدا كۆپ مۇساپىلارنى باسقانلىقى شەرھىلەنگەن.

ئەركىن ئالپتېكىن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىدىكى بارلىق رەھبەرلەرگە ۋە قۇرۇلتاي تەركىبىدىكى بارلىق تەشكىلاتلارغا ۋاكالىتەن ئېلان قىلغان بۇ باياناتىدا، "رابىيە خانىم بىلەن ھازىرغىچە مۈرىنى-مۈرىگە تىرەپ، بىر مۇش بولۇپ داۋاملاشتۇرۇپ كەلگەن بىرلىك، ھەمكارلىقنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى خىزمەت جەريانىدا ئەينەن داۋاملىشىدىغانلىقىغا ۋە ھەتتا تېخىمۇ مۇكەممەللىشىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن" دەپ جاكارلىغان.

ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسىنىڭ ئىككى يىلدا بىر ئېچىلىدىغان قۇرۇلتىيى 28‏-ماي يەكشەنبە كۈنى ۋاشىنگتوندا ئېچىلىپ، ئاتاغلىق كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى رابىيە قادىر مەزكۇر جەمئىيەتنىڭ رەئىسلىكىكە سايلانغان ئىدى. (پەرىدە)