دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى خىتاينى ئۇچۇر ئەركىنلىكىنى كەڭ قويۇۋېتىشكە چاقىردى

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتېيىنىڭ باياناتچىسى دىلشات رىشىت بۈگۈن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى نامىدىن بايانات ئېلان قىلىپ، خىتاينى نەشر ئەركىنلىكىنى دەرھال كەڭ قويۇۋېتىشكە چاقىردى.
مۇخبىرىمىز ۋەلى خەۋىرى
2008.07.30

 دىلشات رىشىت باياناتىدا، خىتاي ھۆكۈمىتى بۇنىڭدىن بۇرۇن دۇنياغا بەرگەن ۋەدىسىگە خىلاپلىق قىلماسلىقى كېرەك؛ ھازىر بېيجىڭدا ئولىمپىك مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈلۈشكە يېقىن قالغان مۇشۇ كۈنلەردە، ئولىمپىكنى باھانە قىلىپ ئۇچۇر ئەركىنلىكىنى چەكلەشنى دەرھال توختىتىپ، ھەر قانداق مۇخبىرنىڭ شەرقى تۈركىستانغا بېرىپ بىمالال زىيارەت قىلىشىنى توسۇماسلىقى كېرەك، تۈرمىلەرگە قاماپ قويغان 'سىياسىي جىنايەتچى'لەرنى دەرھال قويۇپ بېرىشى كېرەك؛ شۇنداقلا، مۇخبىرلار زىيارەت قىلغان ئۇيغۇرلارغا ۋە ئۇلارنىڭ ئۇرۇق - تۇغقانلىرىغا زىيانكەشلىك قىلماسلىققا قايتىدىن ۋەدە بېرىشى كېرەك، دەپ تەكىتلىدى.
پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.