د ئۇ ق خىتاينىڭ ئىككى قۇرۇلتىيىنى مىللەتلەرنىڭ "ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش ھوقۇقى" مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلىشقا چاقىردى


2008.03.03

3- مارت دۈشەنبە كۈنى، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى بايانات ئېلان قىلىپ خىتاي مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭىشى ۋە مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنى مىللەتلەرنىڭ "ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش ھوقۇقى" مەسىلىسى توغرىسىدا مەخسۇس مۇزاكىرە لايىھىسى تۈزۈپ، قاراپ چىقىپ، مۇناسىۋەتلىك قارارلارنى بەلگىلەشكە چاقىردى.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى يەنە، مەزكۇر ئىككى قۇرۇلتاينى، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئاتالمىش "شىنجاڭ" دېگەن نامنى "شەرقى تۈركىستان" دەپ ئۆزگەرتىپ بېكىتىپ بېرىشكە چاقىردى.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى باياناتچىسى دىلشات رىشىت رادىئومىزغا بەرگەن زىيارىتىدە، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ نىزامنامىسىدە "بارچە مىللەتلەرنىڭ ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش ھوقۇقى بار" دەپ بەلگىلەنگەنلىكىنى بىلدۈردى ۋە: " مىللەتلەرنىڭ ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش ھوقۇقى، كىشىلىك ھوقۇقنىڭ ئايرىلماس بىر تەركىبى قىسمى ھەمدە مىللىي مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشنىڭ ئەڭ دېموكراتىك ئۇسۇلى" دېدى

ئۇ يەنە، خىتاينىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىغا دائىمىي ئەزا دۆلەت بولۇش سۈپىتى بىلەن، ب د ت نىڭ نىزامنامىلىرىغا ئەمەل قىلىپ، ئۇيغۇر خەلقىگە ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش ھوقۇقى بېرىشى كېرەك ئىكەنلىكىنى ھەمدە ئولىمپىك ساھىبخانلىقىنى ئېلىش ئالدىدا "كىشىلىك ھوقۇقنى ياخشىلايمىز" دەپ بەرگەن ۋەدىسىنى ئاقلىشى كېرەكلىكىنى كۆرسەتتى.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ بۇ باياناتى تەيۋەن مەركىزىي ئاخبارات ئاگېنتلىقى، ۋە ئامېرىكىدىكى بىر قىسىم خىتاي تىلىدىكى گېزىتلەردە ئورۇن ئالدى. (جۈمە)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.