د ئۇ ق خىتاينىڭ ئۇچۇر ۋاستىلىرىغا قاراتقان كونتروللۇقىنى ئەيىبلىدى
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﻪﻗﯩﺪﻩ ﺧﻪﯞﯨﺮﻯ
2008.06.19
2008.06.19
د ئۇ ق نىڭ باياناتچىسى دىلشات رېشىت پەيشەنبە كۈنى ئامېرىكا بىرلەشمە ئاگېنتلىقى ۋە ئىستانسىمىزنىڭ بۇ ھەقتىكى زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ ئىنتېرنېت تور بەتلىرىگە ئوخشاش ئۇچۇر ۋاستىلىرىدىن پايدىلىنىپ، ھۆكۈمەتنىڭ ئولىمپىك جەريانىدا ئۇيغۇرلارغا قاراتقان قاتتىق قول سىياسىتىنى دۇنياغا ئاشكارىلىشىدىن ئەندىشە قىلغان خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ، ھەر خىل ئۇچۇر ۋاستىلىرىنى قاتتىق كونترول قىلىۋاتقانلىقىنى، ھەتتا بىر قىسىم تور بەتلەرنى ئېتىۋەتكەنلىكىنى بىلدۈردى.
دىلشات رىشىتنىڭ تەكىتلىشىچە، ئۇچۇر ۋاستىلىرىدىن ئەركىن پايدىلىنىش ھوقۇقىغا ئىگە قىلىنمايۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتە، كوچىلاردا توپلىشىپ پاراڭ سېلىشىمۇ قانۇنغا خىلاپ ھەرىكەت ھېسابلىنىدىغان بولۇپ، ئۇيغۇرلارنىڭ تور بەت ۋە چەتئەل ئاخبارات ۋاستىلىرىنى ئەركىن كۆرۈشىدىن سۆز ئېچىش ئەسلا مۇمكىن ئەمەس ئىكەن.
خىتاي ھۆكۈمىتى يېقىندا، ئېنگىلىزچە " ئۇيغۇر تور بېتى" نى تاقاپ، ئۇيغۇرلارنىڭ قاتتىق نارازىلىقىنى قوزغىغان ئىدى.









