د ئۇ ق : خىتايلارنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان ئەيىبلەشلىرىنىڭ سىياسىي مۇددىئاسى بار
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﻪﻗﯩﺪﻩ ﺧﻪﯞﯨﺮﻯ
2008.07.03
2008.07.03
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باياناتچىسى دىلشات رېشىت ئىستانسىمىز ۋە تەيۋەن مەركىزى ئاگېنتلىقىغا، مېڭ خۇڭۋېينىڭ بېيجىڭ ئولىمپىك مۇراسىمى ئېچىلىش ھارپىسىدا ئۇيغۇرلارنى تېررورلۇق ھەرىكەت بىلەن شۇغۇللىنىدۇ دەپ ئەيىبلىشىنىڭ ئۈچ تۈرلۈك سىياسىي مۇددىئاسى بار ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ، بىرىنچىدىن، خەلقئارادا ئۇيغۇرلارنى يالغۇز قالدۇرۇپ، ئۇيغۇرلارنىڭ دېموكراتىيە ۋە كىشىلىك ھوقۇق ئىستىكىنى باستۇرۇش، ئىككىنچىدىن تېررورلۇق ھەرىكەتلەرگە قارشى تۇرۇش كۆرۈشىدىن پايدىلىنىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ قارشىلىق ھەرىكەتلىرىنى باستۇرۇش، ئۈچىنچىدىن بۇ ئارقىلىق خەلقئارانىڭ ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇش توغرىسىدىكى ئەيىبلەشلىرىدىن ئۆزىنى قاچۇرۇش مۇددىئاسىغا يېتىش ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.
دىلشات رېشىت سۆزىدە،" گەرچە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى بېيجىڭدا ئولىمپىك مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلىشىگە قارشى بولسىمۇ، بىراق ئولىمپىك روھىغا قارشى ئەمەس، شۇڭا ئولىمپىككە بۇزغۇنچىلىق ئېلىپ كېلىدىغان ھەرىكەتلەرنى سادىر قىلمايدۇ " دېدى.
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى خەلقئارا جامائەتنىڭ، نۆۋەتتە خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى تېررورلۇق ھەرىكەتلەر بىلەن شۇغۇللىنىدۇ دېگەن ئەيىبلەشلىرى شۇنىڭدەك بۇنىڭغا ئارقىسىغا يوشۇرۇنغان سىياسىي مۇددىئالىرىغا ئالاھىدە دىققەت - نەزىرىنى بېرىشىنى تەشەببۇس قىلىش بىلەن بىرگە، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ قانۇنىي يوسۇندىكى سىياسىي تەلەپلىرىگە ئادىللىق بىلەن مۇئامىلە قىلىشىنى تەلەپ قىلدى.









