د ئۇ ق خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان مەجبۇرلاش تەربىيىلىرىنى توختىتىشىنى تەلەپ قىلدى
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﻪﻗﯩﺪﻩ ﺧﻪﯞﯨﺮﻯ
2008.06.05
2008.06.05
خىتاينىڭ ئولىمپىك مەشئىلى 6 - ئاينىڭ 25 - كۈنى ئۇيغۇر ئېلىگە يەتكۈزۈلمەكچى بولۇپ، مەشئەل 26 - ئىيۇن كۈنى قەشقەرگە يەتكۈزۈلگەندە رايوندا نارازىلىق ھەرىكەتلىرىنىڭ چىقىپ قېلىشىدىن ئەندىشە قىلغان خىتاي دائىرىلىرى ئۇيغۇرلارنى " ۋەتەن سۆيۈش تەربىيىسى "گە مەجبۇرلىماقتا.
مەزكۈر تەربىيە، بارلىق ئوقۇتقۇچى - ئوقۇغۇچى، ئىشچى - خىزمەتچى، دىنىي زاتلار ۋە تىجارەتچىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھەر ساھە خادىملىرىدىن بولۇپ، 260 مىڭدىن ئارتۇق ئادەمنىڭ مەجبۇرىي ئۆگىنىشى شەرت قىلىنغان. نۆۋەتتە بۇ ھەرىكەت تېخىمۇ چوڭقۇرلاپ ئېلىپ بېرىلىپ، ھەتتا ھەر خىل لوزۇنكىلار ئېسىلغان تەشۋىقات ئاپتوموبىللىرى ھەمدە قوراللىق ساقچى - ئەسكەرلىرى كوچىمۇ - كوچا ۋە مەھەللە ئارىلاپ نازارەتنى كۈچەيتمەكتە ۋە ئۆز تەشۋىقاتلىرىنى تارقاتماقتا.
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى، خىتاي ھۆكۈمىتىدىن ئۇيغۇرلارغا قاراتقان بۇ خىل مەجبۇرلاش يوسۇندىكى" ۋەتەن سۆيۈش تەربىيىسى " نى دەرھال توختىتىشىنى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش ھوقۇقىغا ھۆرمەت قىلىشىنى تەلەپ قىلدى. دىلشات رىشىت ئەپەندى يەنە، ئۇيغۇرلار ھەر قانداق بېسىم بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، ئۆز ۋەتىنىگە بولغان سۆيگۈسىدىن ۋاز كەچمەيدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.









