د ۇ ق باياناتچىسى دىلشات رېشىت خوتەن ۋەقەسى ھەققىدە توختالدى
-
2008-03-30 -
-
-
تەيۋەن مەركىزىي ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باياناتچىسى دىلشات رېشىت بايانات ئېلان قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ كەڭ كۆلەمدە ھەرىكەت قوللىنىپ، خوتەندىكى نامايىشتا 500 يېقىن ئادەمنى تۇتقۇن قىلغانلىقى ھەمدە ئۇچۇرلارنى قامال قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.
دىلشات رېشىت 23 ۋە 24 - مارت كۈنلىرى خوتەن شەھرىدە نارازىلىق نامايىشى ئېلىپ بېرىلغانلىقى ۋە بۇلارنىڭ %80 تىدىن كۆپرەكىنىڭ ئاياللارنى تەشكىل قىلغانلىقى، ئۇلارنىڭ خىتاي دائىرىلىرىدىن ئۇيغۇرلارغا قاراتقان تۇتقۇن قىلىشنى توختىتىشنى، سىياسىي تۇتقۇنلارنى قويۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
خىتاي دائىرىلىرى خوتەندىكى نامايىش ئەھۋالىنىڭ سىرتقا تارقىلىشىنى قاتتىق قامال قىلغان بولسىمۇ، لېكىن يەرلىك پۇقرالار نامايىشنىڭ يۈز بەرگەنلىكىنى ئاشكارىلىغان . ئىگىلىشىمىزچە نامايىشچىلار ئۆز تەلەپلىرىدە يەنە خىتاي ھۆكۈمىتىدىن دىنىي ئەركىنلىك ۋە مىللىي ئۆرپ - ئادەتلەرنى ھۆرمەت قىلىشنىمۇ تەلەپ قىلغان. بۇنداق خىلدىكى نارازىلىق ھەرىكەتلىرى شۇ كۈنى يەنە قاراقاشتىمۇ يۈز بەرگەن بولۇپ، بىراق تېزلا تارقىتىۋېتىلگەن ئىكەن. بۇ قېتىمقى خوتەن ئۇيغۇرلىرىنىڭ نارازىلىق ھەرىكەتلىرى تىبەتلەرنىڭ كەڭ كۆلەملىك نارازىلىق نامايىشلىرىنىڭ باستۇرۇلۇشى بىلەن خەلقئارا جەمئىيەتتە زور غۇلغۇلىلار يۈز بېرىپ، خەلقئارا جەمىيەتنىڭ خىتاينى تەنقىد قىلىشى ھەتتا بىر قىسىم دۆلەت باشلىقلىرىنىڭ ئولىمپىك مۇراسىمىغا قاتناشمايدىغانلىقىنى جاكارلىشىغا توغرا كەلدى.
دىلشات رېشىت دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ خەلقئارا جەمئىيەتتىن خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى سىياسىتىگە يېقىندىن دىققەت ئېتىبارىنى بېرىشىنى، ب د ت ئىنسان ھوقۇقى كومىتېتى ئۇيغۇرلارنىڭ ئىنسان ھوقۇقى مەسىلىسىنى كىشىلىك ھوقۇق يىغىننىڭ كۈن تەرتىپىگە قويۇپ، مۇزاكىرە قىلىشىنى تەلەپ قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. (ئۈمىدۋار)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- خىتاي ئۇيغۇر ئېلىنىڭ چېگرالىرىدا "چېگرا مۇداپىئەسى 110 " ناملىق قۇرۇلۇشىنى باشلىدى
- خەۋەرلەرگە ئاساسلانغاندا، خوتەندە ئۇيغۇر ئاياللار نامايىش ئۆتكۈزگەن
- بېيجىڭ : ئولىمپىك مەزگىلىدە ئېلىپ بېرىلىدىغان نارازىلىق ھەرىكەتلىرىگە چەكلىمە قويدى
- نورۋېگىيىدە تىبەت ۋە ئۇيغۇرلار نامايىش ئۆتكۈزدى
- خەلقئارا مەتبۇئاتلاردا ئايروپىلان ۋەقەسىى مۇنازىرە قىلىنماقتا
- نۇر بەكرى، " ئۈچ خىل كۈچلەر" گە قارشى كۆرۈشنىڭ تېخىمۇ كۈچەيتىلىدىغانلىقىنى جاكارلىدى
- "يەرشارى ۋاقىت گېزىتى" ئۈرۈمچىدىكى توقۇنۇشتا 2 ئادەم ئۆلتۈرۈلگەن، 15 ئادەم قولغا ئېلىنغانلىقىنى خەۋەر قىلدى
- "شىڭداۋ" گېزىتى: ئۈرۈمچىدە خىتاي قوراللىق كۈچلىرى بىلەن ئۇيغۇرلار ئارىسىدا قوراللىق توقۇنۇش يۈز بەرگەن
- قازاقىستاندىكى ئۇيغۇرلار غۇلجا ۋەقەسىنى خاتىرىلىدى
- ئۇيغۇرلار ۋاشىنگتوندا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ5 - فېۋرال غۇلجا قىرغىنچىلىقىغا جاۋاب بېرىشنى تەلەپ قىلىپ نامايىش ئۆتكۈزدى
- ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى، غۇلجا ۋەقەسىنى خاتىرىلەشكە تەييارلانماقتا
- كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتى: خىتاي مەكتەپلىرىدە ئۆسمۈرلەرنى ئەمگەككە ئېلىش ئىشلىرى مەۋجۇت