دولقۇن ئەيسا، ياپونىيە ھۆكۈمىتىنى خىتايغا بېسىم ئىشلىتىشكە چاقىردى

ياپونىيىدە زىيارەتتە بولۇۋاتقان، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باش كاتىبى دولقۇن ئەيسا، خەلقئارا جامائەتنى بېيجىڭ ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنىنى بايقۇت قىلىشقا چاقىردى.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﯚﻣﻪﺭ ﻗﺎﻧﺎﺕ ﺧﻪﯞﯨﺮﻯ
2008.05.03

 فرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، دولقۇن ئەيسا، ياپونىيىنىڭ پايتەختى توكيو شەھىرىدە بەرگەن باياناتىدا، ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنىنىڭ تىنچلىق، ئەركىنلىك ۋە دوستلۇقنىڭ سىمۋولى ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ، 'ئۇيغۇر ۋە تىبەتلەرگە قاراتقان سىياسىتى تۈپەيلى، بېيجىڭ ھۆكۈمىتى ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنىغا ساھىبخانىلىق قىلىش سالاھىيىتىگە ئىگە ئەمەس' دەپ كۆرسەتكەن.

ياپونىيىنىڭ سابىق باش مىنىستىرى شىنزو ئابې ۋە سابىق تاشقى ئىشلار مىنىستىرى تارو ئاسو قاتارلىق ياپونىيە رەھبەرلىرى ۋە پارلامېنت ئەزالىرى بىلەن ئۇچراشقان دولقۇن ئەيسا، ئۇلاردىن، ئۇيغۇرلارغا قاراتقان قاتتىق قول سىياسىتىنى ئۆزگەرتىشى ئۈچۈن، ئالدىمىزدىكى ھەپتە ياپونىيىنى زىيارەت قىلىدىغان، خىتاي دۆلەت رەئىسى خۇ جىنتاۋ غا بېسىم ئىشلىتىشىنى تەلەپ قىلغان.

بېيجىڭ ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنى ھارپىسىدا، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلار قاراتقان بېسىمىنى تېخىمۇ كۈچەيتكەنلىكىنى تەكىتلىگەن، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باش كاتىبى، ئۆتكەن تۆت بەش ئاي ئىچىدە بىخەتەرلىك ئۈچۈن تەھدىت دەپ قارالغان 10 مىڭ دىن ئارتۇق ئۇيغۇرنىڭ، قولغا ئېلىنغانلىقىنى ۋە خىتاي دائىرىلىرىنىڭ، ئۇلارغا ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنى ئاخىرلاشقانغا قەدەر تۈرمىدە تۇتۇپ تۇرۇلۇدىغانلىقىنى، بىلدۈرگەنلىكىنى، ئەسكەرتتى.
پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.