خىتاي شىركەتلىرى ھازىر ئۇيغۇر ئاپتونوم رايۇنىنىڭ يەر قاتلاملىرىدىكى ئىسسىقلىق ئېنېرگىيە زاپىسىنىمۇ ئېچىشنى پىلانلىماقتا


2007-02-21
Share

"شىنجاڭ ئىقتىسادىي خەۋەرلىرى" گېزىتىدە بايان قىلىنىشىچە، ئاپتونوم رايۇنلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ بەشىنچى قېتىملىق يىغىنىدا "شىنجاڭنىڭ يەر ئاستىدىكى ئىسسىقلىق ئېنېرگىيە بايلىقلىرىنى ئېچىش" دېگەن بىرخىل پىلان تەستىقلانغان.

خەۋەردە بايان قىلىنىشىچە، بۇنىڭدىن بۇرۇن ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ يەر قاتلاملىرىدىكى ئىسسىقلىق ئېنېرگىيىسىنى ئېچىشقا ئەھمىيەت بېرىلمىگەن. بايقىلىشىچە، يارىش، تارىم، تۇرپان ئويمانلىقلىرىدا ۋە ئىلى، قۇمۇل ۋادىلىرىدا ناھايىتى مول ئىسسىقلىق ئېنېرگىيىسى ساقلىنىپ ياتىدۇ. ئەمما بۇنى ئېچىش ناھايىتى قېيىن.

خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئېيتىشىچە، ئېلېكتىر قۇۋىتى ھاسىل قىلىش، ئىسسىنىش، كوكتات تېرىش قاتارلىق كۆپ ئىشلار ئۈچۈن قوللانغىلى بولىدىغان بۇنداق چۇڭقۇر يەر قاتلاملىرىدىكى ئىسسىقلىق زاپىسى ئىچىدە، خىتاي شىركەتلىرى ئۈچۈن ھازىرچە ئېچىش ئەڭ ئاسان بولغىنى ‏-‏ ھەر قايسى جايلاردىكى ئارشاڭلار ئىكەن. شۇڭلاشقا ھازىر خىتاي شىركەتلىرى يەرنىڭ تېيىز قاتلىمىدىكى ئىسسىقلىقتىن ھاسىل بولغان بۇنداق ئىسسىق سۇ مەنبەلىرىنى )ئارشاڭلارنى( كەڭ كۆلەمدە ئېچىش ئارقىلىق، ئۇنى ھەرخىل كېسەللىكلەرنى داۋالاش ئۈچۈن قوللانغىلى بولغانلىقى ئۈچۈن، تېخىمۇ كۆپلەپ ساياھەتچى ياكى كۆچمەن جەلىب قىلىشنى پىلانلاشقا باشلىغان. (ۋەلى)

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت