ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئەدەبىي تەرجىمە ئىشلىرى كرىزىسقا دۇچ كەلمەكتە


2005.06.05

خىتاينىڭ تەڭرى تاغ تورىنىڭ ئۇچۇرىغا ئاساسلانغاندا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق يازغۇچىلار جەمىيىتىنىڭ دائىمىي ئىشلارغا مەسۇل مۇئاۋىن رەئىسى جاۋ گۇئاڭمىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى ئۇيغۇر، قازاق، قىرغىز ۋە باشقا مىللەتلەرنىڭ ئەدەبىي ئەسەرلىرىنىڭ تەرجىمە ھەققىنىڭ تۆۋەنلىكى ۋە باشقا سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن بۇ ئىشنى قىلىدىغانلارنىڭ ئازلاپ كېتىۋاتقانلىقى، ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ئەدەبىيات تەرەققىياتى بىلەن ئۇنى تەرجىمە قىلىش ئىشلىرىنىڭ قەدەملىرىنىڭ ماسلاشمايۋاتقانلىقى ۋە باشقا بىر قاتار مەسىلىلەرنى كۆرسەتكەن.

خەۋەردە بايان قىلىنىشىچە، ھەتتا مەلۇم بىر قازاق يازغۇچىسىنىڭ رومانى خىتاي تىلىغا تەرجىمە قىلىنغىنىغا بەش يىلدىن ئاشقان بولسىمۇ، بىراق بۇ ئەسەرنى نەشىر قىلىدىغان يەر چىقماي، تەرجىمە نۇسخىسى تەرجىماننىڭ قولىدا قېلىۋەرگەن.

ئىلگىرى ئۇيغۇر، قازاق ۋە باشقا مىللەتلەرنىڭ ئەسەرلىرىنى خىتاي تىلىغا تەرجىمە قىلىش بىلەن شۇغۇللانغان ئەدەبىي تەرجىمانلارنىڭ كۆپىنچىسى ھازىر بۇ ئىشتىن قول ئۈزگەن ئىكەن.

خەۋەرلەرگە قارىغاندا 80-يىللاردا نەشىر قىلىنغان "مىللىي يازغۇچىلار" ناملىق ئەدەبىي تەرجىمە جۇرنىلىنىڭ ئىشتىن توختىغانلىقىغا 10 يىلدىن ئاشقان، خىتاينىڭ ئىچكىرى ئۆلكىلىرىدىن تارتىپ، ئۇيغۇر رايونىنىڭ ئىچىدىكى خىتايچە نەشرىياتلار خىتاي ئەمەس مىللەت يازغۇچىلىرىنىڭ ئەسەرلىرىنى نەشىر قىلىشنى خالىمايدىكەن شۇنىڭدەك ھازىر مەخسۇس بىرەر جۇرنالمۇ يوق ئىكەن.

يېقىندىن بۇيان چەتئەللەرگە كۆچۈپ چىققان بىر قىسىم ئۇيغۇر يازغۇچىلىرى ۋە نەشىرىيات خىزمەتچىلىرىنىڭ ئوتتۇرىغا قويىشىچە، بۇ ئىش بىرىنچىدىن ھۆكۈمەتنىڭ خىتاي تىلىنى ئومۇملاشتۇرۇش سىياسىتى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولسا، يەنە بىر تەرەپتىن خىتايلارنىڭ ئاز سانلىق مىللەتلەرنى جۈملىدىن ئاز سانلىق مىللەت يازغۇچىلىرىنى تۆۋەن كۆرۈش ۋە كەمسىتىش ئىدىيىسىدىن كېلىپ چىققان ئىكەن. (ئۈمىدۋار)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.