خىتاينىڭ شىنخۇا ئاگېنتلىقى تۇرپاندىكى قەدىمكى ئۇيغۇر ئىدىقۇت دۆلىتىنىڭ پايتەختى ئىدىقۇت شەھىرىنىڭ خارابىسىنى ياساشقا 100 مىليون يۈەن مەبلەغ ئاجرىتىپ، يېقىندا ئىش باشلاشنى قارار قىلغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.
خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە، شەھەر خارابىسىنى يەرلىك دېھقانلار بۇزغۇنچىلىققا ئۇچراتقان بولۇپ، يەرلىك ئاھالىلار خالىغانچە شەھەر خارابىسىغا كىرىپ، تۇپراق ۋە مۇنارلارنى كولاش ئارقىلىق شەھەرنىڭ ئەسلى قىياپىتىنى بۇزۇۋەتكەن. بىراق، يەرلىك كىشىلەرنىڭ ئىنكاس قىلىشىچە، گەرچە ئىدىقۇت شەھىرى 1961-يىلىدىن ئېتىبارەن مەملىكەتلىك قوغدىلىدىغان ئاسارە-ئەتىقىلەر نۇقتىسى قىلىپ بېكىتىلگەن بولسىمۇ، لېكىن ئۇزۇن يىللارغىچە ھۆكۈمەت تەرىپىدىن ئەمەلىي قوغدىلىش ئېلىپ بېرىلماي، پەقەت ۋىۋىسكا ئېسىپ قويۇش بىلەنلا چەكلەنگەن. ئۇنىڭ ئۈستىگە يەنە قالايمىقان ساياھەتچىلىكمۇ خارابىنىڭ بۇزۇلۇشنى ئىلگىرى سۈرگەن.
تۇرپان مەدەنىي يادىكارلىقلار ئىدارىسىنىڭ باشلىقى ياسىلىش ئارقىلىق گاۋاچاڭ قەدىمىي شەھىرى پات يېقىندا يېڭى قىياپەت بىلەن قەد كۆتۈرىدۇ دەپ كۆرسەتكەن بولۇپ، چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر تارىخچىلىرى خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئىدىقۇت شەھىرىنى قانداق شەكىلدە رېمونت قىلىدىغانلىقىغا دىققەت قىلماقتا. مەلۇمكى، ئۇيغۇرلار ئىدىقۇت شەھىرىنى ئۇيغۇر مەدەنىيەت تارىخى جۈملىدىن يىپەك يولىدىكى مەشھۇر نامايەندە ھەمدە ئۆزلىرىنىڭ ئوتتۇرا ئەسىردە قۇرغان مۇستەقىل ئىدىقۇت دۆلىتىنىڭ پايتەختى دەپ چۈشىنىدۇ.
بىراق، ئۇيغۇر تارىخچىلىرىنىڭ ئوتتۇرىغا قويۇشىچە، خىتاي تارىخچىلىرى بولسا، ئىدىقۇت شەھىرىنى دەسلەپتە خەنزۇلار قۇرغانلىقىنى، ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ يەرگە كېيىن كەلگەنلىكىنى ئىسپاتلاشقا تىرىشىپلا قالماستىن بەلكى يەنە ئۇيغۇرلارنىڭ تارىختا قۇرغان تۇرپان ئىدىقۇت دۆلىتى، قاراخانىلار سۇلالىسى، ۋە ئۇنىڭدىن ئىلگىرىكى ئورخۇن ئۇيغۇر ئىمپېرىيىسىنى جۇڭگو مەركىزى ھۆكۈمىتىگە تەۋە يەرلىك ھاكىمىيەت دەپ تارىخنى بۇرمىلايدىكەن. (ئۈمىدۋار)