ئاپتونوم رايونلۇق ئېلېكتىر - ئېنېرگىيە شىركىتى 2 مىليارد 579 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىپ، قۇمۇل ۋىلايىتىنى خىتاينىڭ " غەربنىڭ توكىنى شەرققە يەتكۈزۈش" قۇرۇلۇشىدىكى ئېلېكتىر مەنبىئى بازىسى قىلىپ بېكىتكەن.
خىتاي خەۋەر ئاگېنتلىقىنىڭ13 - ئىيۇل كۈنى بەرگەن خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ئاپتونوم رايونلۇق ئېلېكتىر ئېنېرگىيە شىركىتى بىلەن قۇمۇل ۋىلايىتى ھەمكارلىق كېلىشىمى ھازىرلاپ، مەزكۈر كېلىشىمنى 12 - ئىيۇل كۈنىدىن ئېتىبارەن رەسمىي يولغا قويۇشقا باشلايدىغانلىقىنى بېكىتكەن.
خىتاينىڭ 11 -بەش يىللىق پىلاننىڭ ئىچىگە كىرگۈزۈلگەن بۇ قۇرۇلۇش، غەربنىڭ توكىنى شەرىققە يۆتكەش يەنى 750 كىلوۋولتلۇق ئېلېكتىر تور قۇرۇلۇشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى مەقسەت قىلىدىكەن.
بۇ ئارىدا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى مەزكۈر قۇرۇلۇش پىلانىغا دەرھال نارازىلىق ئىنكاسى بىلدۈرۈپ، شەرقىي تۈركىستاننىڭ نامرات رايونلىرىدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ ئېلېكتىر مەسىلىسى ھەل قىلىنماي تۇرۇپ، بۇ زېمىننىڭ توكىنى خىتاي ئۆلكىلىرىگە يەتكۈزۈش، ئۇيغۇرلارنى ئېكسپىلاتاتسىيە قىلىشنىڭ يەنە بىر ئىپادىسى ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باياناتچىسى دىلشات رېشىت، ھازىر ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ مەركىزى خىتاي ھۆكۈمىتى بىلەن بىرلىشىپ ، قىلچە تەپ - تارتماستىن ئۇيغۇر دىيارىنىڭ تەبىئى بايلىق مەنبەلىرىنى ئىشلىتىش جەھەتتە ، يەرلىك ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئېھتىياجىنى قاندۇرماي تۇرۇپ، بۇ زېمىننىڭ بايلىقلىرىنى خىتاي ئۆلكىلىرىگە توشۇپ، بىر تەرەپتىن سىياسىي بېسىم ، يەنە بىر تەرەپتىن ئىقتىسادىي بېسىمنى ئىزچىل كۈچەيتىۋاتقانلىقىنى تەكىتلىدى. (ئەقىدە)