خىتاي دائىرىلىرى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا 2010 - يىلغىچە خىتاينىڭ ئىچكى ئۆلكىلىرىنى ئېلېكتىر توكى بىلەن تەمىنلەيدىغان يۇقىرى بېسىملىق ئىككى كۆمۈر ئېلېكتىر ئىستانسىسى قۇرىدىغانلىقىنى جاكارلىدى.
خىتاي مەتبۇئاتلىرىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، قۇرۇلغۇسى ئېلېكتىر ئىستانسىلىرى خىتاينىڭ شەرقىدىكى ئۆلكىلەرنى يىلىغا بەش مىليارد كىلوۋات توك بىلەن تەمىنلەيدىكەن. قۇرۇلغۇسى ئېلېكتىر ئىستانسىلىرىنىڭ بىرىدە قۇرۇلۇش باشلانغان. يەنە بىرىنىڭ قۇرۇلۇشى 2006 - يىلى باشلىنىدىكەن. ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ئومۇمى كۆمۈر زاپىسى ئىككى ترىليون توننا بولۇپ، بۇ خىتاي ئومۇمى كۆمۈر زاپىسىنىڭ 40 % نى ئىگىلەيدۇ. بۇ قۇرۇلۇشقا "غەربنىڭ ئېلېكتىر توكىنى يۆتكەش پىلانى"، دەپ نام بېرىلگەن.
بۇ پىلان بويىچە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا شەرقىي جۇڭغار، جەنۇبىي جۇڭغار، قۇمۇل- تۇرپان قاتارلىق جەمئىي 4 چوڭ كۆمۈر ئېلېكتىر ئىستانسىسى قۇرۇلماقتا ئىدى. بۇ قۇرۇلۇش، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ "غەربتىكى گازنى شەرققە يۆتكەش" پىلانىدىن كېيىن يولغا قويغان يەنە بىر ئىستىراتېگىيىلىك قۇرۇلۇشى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.
ئەمما بۇ قۇرۇلۇش مۇھىت قوغدىغۇچىلارنىڭ تەنقىدىگە ئۇچرىماقتا. ئۇلار كۆمۈر ئېلېكتىر ئىستانسىسى رايوننىڭ ئەزەلدىنلا نازۇك ئېكولوگىيىسىنى تېخىمۇ ۋەيران قىلىدۇ، دەپ ئەيىبلىسە، چەتئەلدىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى بۇ قۇرۇلۇشنى شەرقىي تۇركىستاننىڭ كان بايلىقلىرىنى " بۇلاڭ - تالاڭ قىلىش" قەدىمىنى تېزلىتىش پىلانىنىڭ بىر قىسىمى، دەپ تەنقىد قىلدى.
مەركىزى گېرمانىيىدىكى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باياناتچىسى دىلشات رىشىت، " بۇ قۇرۇلۇش يەر ئاستى كان بايلىقلىرىنى بۇلاڭ - تالاڭ قىلىش قەدىمىن تېزلىتىشنىڭ يەنە بىر ئۇسۇلى" دېدى. ئۇ، " بۇ قۇرۇلۇش مۇھىتنى ۋەيران قىلىش، خىتاي كۆچمەنلىرىگە خىزمەت ئىمكانىيىتى يارىتىشتىن باشقا يەرلىك خەلققە ھېچقانداق پايدا ئېلىپ كەلمەيدۇ" دەيدۇ. ئەمما خىتاي دائىرىلىرى مەزكۇر قۇرۇلۇشنىڭ زور ئىقتىسادى تەرەققىيات ئىمكانىيىتى يارىتىپ، رايوننىڭ ئېلېكتىر توكى ئىشلەپچىقىرىش كۈچىنى ھازىرقى سەۋىيىدىن بىر ھەسسە يۇقىرى كۆتىرىدۇ، دەپ كۆرسەتمەكتە. (ئەركىن)