خىتاينىڭ "ئەمگەك بىلەن ئۆزگەرتىش" تۈزۈمى ئىسلاھ قىلىنماقچى

2007-03-01
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

فرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ پەيشەنبە كۈنى بەرگەن خەۋىرىدە كۆرسىتىلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇزۇندىن بېرى تەنقىدكە ئۇچراپ كېلىۋاتقان "ئەمگەك بىلەن ئۆزگەرتىش" تۈزۈمىنى ئىسلاھ قىلىشنى پىلان قىلغان. بۇ خەۋەر خىتاي ئورگان مەتبۇئاتلىرىدىن ھېسابلانغان "جوڭگۇ گېزىتى" نىڭ ئىنگلىز تىلىدا چىقىدىغان نۇسخىسىدا ئاشكارىلانغان.

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مەزكۇر " ئەمگەك بىلەن ئۆزگەرتىش" قانۇنىغا ئاساسەن، ساقچى دائىرىلىرى، سوت تەرىپىدىن ھۆكۈم چىقىرىلمىغان، شۇنىڭدەك يىنىك دەرىجىدە جىنايەت سادىر قىلغان كىشلەرنى، ئەمگەك بىلەن ئۆزگەرتىش ئورنىدا ئەڭ ئۇزۇن بولغاندا 4 يىلغا قەدەر قاماپ قويالايدىكەن.

"جوڭگۇ گېزىتى" دە يەنە ئاشكارىلىنىشىچە، خىتاي مەملىكەتلىك قۇرۇلتىيىنىڭ بۇ يىل 10 ‏- ئايدا ئۆتكۈزىلىدىغان يىغىنىدا، "ئەمگەك بىلەن ئۆزگەرتىش " تۈزۈمىنىڭ مۇناسىۋەتلىك قانۇن لاھىيىسىنى قايتىدىن تەكشۈرۈپ چىقىش قارار قىلىنغان ، ئەمما مەزكۇر قانۇن لايىھىسىنىڭ قانچىلىك دەرىجىدە ئۆزگەرتىلىشى نۆۋەتتە كىشىلەردە گۇمان قوزغاۋاتقان مۇھىم مەسىلىلەردىن بىرى ئىكەن.

كۈزەتكۈچىلەرنىڭ بىلدۈرىشىچە، خىتاي پۇقرالىرىنىڭ ھۆكۈمەتكە بولغان نارازلىقىنىڭ كۈنسايىن ئېشىشىغا ئەگىشىپ، خىتاي ساقچىلىرى نەزىرىدە جىنايەتچى دەپ قارالغان كىشىلەر، مەسىلەن يەرلىرى مەجبۇرىي تارتىۋىلىنغان ئەرزدارلار ۋە ھۆكۈمەتكە قارشى پىكىر بايان قىلغان ئۆكتىچىلەرنىڭ ، سوتنىڭ ھۆكۈمىسىز 4 يىل قاماپ قويۇلىشى، خىتايدا ھۆكۈمەتكە نارازلىق بىلدۈرگەن پۇقرالارنىڭ تېخىمۇ كۆپ تۈرمىگە تاشلىنىشىغا سەۋەب بولىدىكەن.

خىتايدا گۇناھسىز كىشىلەرنىڭ تۈرمىلەرگە سولىنىشى، مەھبۇسلارنىڭ قاتتىق قېيىن - قىستاققا ئېلىنىشى ۋە مەھبۇسلار بەھرىمەن بولۇشقا تېگىشلىك ھوقۇقلارنىڭ چەكلىنىۋاتقانلىقى خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى تەرىپىدىن ئىزچىل تۈردە تەنقىد قىلىنىپ كەلمەكتە. (ئەقىدە)

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت