ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا نېفىتلىكلەرنىڭ مەھسۇلاتى ئاشقان ئەمما ئۈرۈمچىدە قىشتا يېقىلغۇ يېتىشمەيدۇ
2006.12.08
ئىنتىرفاكس ئاگېنتلىقى' نىڭ 8 - دېكابىر كۈنى شاڭخەيدىن خەۋەر قىلىشىچە، خىتاي نېفىت شىركىتى 5 - دېكابىر كۈنى ئېلان قىلغان مەلۇماتتا 'قاراماي نېفىتلىكى بۇ يىل 11 مىليون 910 مىڭ توننا خام نېفىت ئىشلەپچىقاردى، ھەر كۈنى ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 239 مىڭ 179 تۇڭدىن خام نېفىت ئىشلەپچىرىۋاتىدۇ، بۇ نېفىتلىكنىڭ بۇ يىل ئىشلەپچىقارغان خام نېفىت مەھسۇلاتى بۇلتۇرقىدىن 2.2% ئاشتى، غەربتىن شەرققە تۇتاشتۇرۇلغان گاز تۇرۇبىسى 2004 - يىلى 12 - ئاينىڭ 1 - كۈنىدىن بۇيان شەرقتىكى خىتاي ئۆلكىلىرىنى يېقىلغۇ بىلەن تەمىنلىشى يىلدىن - يىلغا مۇقىم بولۇپ كەلمەكتە' دەپ بايان قىلىنغان.
ئەمما، 'شىنجاڭ خەۋەر تورى' دا 4 - دېكابىر كۈنى خەۋەر قىلىشىچە، ھازىر ئۈرۈمچىدە كۈنلىكى 100 مىڭ كۇبمېتىر يېقىلغۇ كام بولۇپ، قىش پەسلىدىكى ئىسىنىش جەھەتتە جىددىيلىك پەيدا بولماقتا. (ۋەلى)
©
2006 Radio Free Asia