بايلىقى مول ئۇيغۇر ئېلىدە گاز يېتىشمەسلىك ئەھۋالى كۆرۈلدى
2005.12.15
ئەزەلدىن "يېرى كەڭ، بايلىق مەنبەسى مول" دەپ سۈپەتلىنىپ كەلگەن ئۇيغۇر ئېلىدە ئېنېرگىيە يېتىشمەسلىك ئەھۋالى كۆرۈلدى. ئۈرۈمچىدە تەبىئىي گاز يېتىشمەسلىك ئەھۋالى كۆرۈلگەن بولسا ، نۇرغۇن ئىسسىقلىق بىلەن تەمىنلەش شىركەتلىرى كۆمۈر يېتىشمەسلىك قىيىنچىلىقىغا دۇچ كەلمەكتە.
ئۇيغۇر ئېلىدە چىقىدىغان "پايتەخت ئىستىمالچىلار گېزىتى" ۋە "خىتاي ياشلار گېزىتى" نىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، ئۈرۈمچىدە نۇرغۇن ئاھالىلەر ھازىر گاز يېتىشمەسلىك سەۋەبىدىن مۇناسىۋەتلىك ھۆكۈمەت ئورۇنلىرىغا پىكىر قىلغان. شۇنداقلا ئۇلار ھازىر نۆۋەتتىكى بۇ تەبىئىي گاز يېتىشمەسلىك ئەھۋالىنىڭ ئاپتوموبىلغا ئىشلىتىلىدىغان گازنىڭ يېتىشمەسلىكىنىمۇ كەلتۈرۈپ چىقىرىشىدىن ئەندىشە قىلماقتا.
ئۈرۈمچى شەھەرلىك يېقىلغۇ گاز ھەسسىدارلىق شىركىتى، تەبىئىي گاز يېتىشمەسلىك ئەھۋالىنىڭ ئاساسلىقى قىش پەسلى كېلىشى بىلەن ئۈرۈمچىدىكى ئاھالىلەرنىڭ گاز ئىشلىتىش مىقدارىنىڭ ئېشىشى سەۋەبىدىن كېلىپ چىققانلىقىنى بىلدۈردى. ئەمما ئۇيغۇر كۆزەتكۈچىلەر، تەبىئىي گاز ۋە نېفىت بايلىقى مول ئۇيغۇر رايونىدا گاز يېتىشمەسلىكىگە، خىتاينىڭ بۇ بايلىقلارنى باشقا ئۆلكىلەرگە كۆپ مىقداردا يۆتكەپ كېتىشى سەۋەب بولغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە.
خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە، ئۈرۈمچىدە ھازىر يەنە 10 غا يېقىن گاز پونكىتلىرى تاقىۋېتىلگەن ھەمدە نۇرغۇن تاكسى ماشىنىلىرى گاز يېتىشمەسلىك سەۋەبىدىن خىزمەت توختۇتۇشقا مەجبۇر بولغان. (پەرىدە)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- قازاقىستان-خىتاي تۇرۇبا يولىدا نېفىت ماڭغۇزۇلماقچى
- خىتاي كۇچارنى ئەڭ چوڭ نېفىت-خىمىيە سانائەت مەھسۇلاتلىرىنى توشۇش بازىسى قىلماقچى
- قازاقىستان بىلەن خىتاي ئارىسىدىكى تۇرۇبا يولى يېقىندا پۈتىدۇ
- خىتاي قارامايدىن ئۈرۈمچىگىچە تۇتىشىدىغان يېڭى تەبىئىي گاز تۇرۇبا يولى ياتقۇزدى
- ئۈرۈمچى - لەنجۇ نېفىت تۇرۇبا قۇرۇلۇشى پۈتتى