خىتاي ھۆكۈمىتى خۇا نېڭ شىركىتىنىڭ شىنجاڭ شۆبىسىنى قۇردى


2007.09.19

يېقىندا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا خىتايدىكى ئەڭ چوڭ ئېنېرگىيە گۇرۇھىنىڭ شىنجاڭ شۆبىسى قۇرۇلغان. خىتاينىڭ 'شىنجاڭ خەۋەر تورى' بۈگۈن ئېلان قىلغان خەۋەردىن مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي كوممۇنىست پارتىيە مەركىزى كومىتېتى سىياسىي بيۇروسىنىڭ ئەزاسى ۋاڭ لېچۇەن 9 ‏- ئاينىڭ 18 ‏- كۈنى، خىتايدىكى ئەڭ چوڭ ئېنېرگىيە گۇرۇھى بولغان 'خۇانېڭ' شىركىتىنىڭ پارتىيە گۇرۇپپا باشلىقى ۋە شىركەت باشلىقى لى شاۋپېڭ بىلەن بىللە، مەزكۇر شىركەتنىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا قۇرۇلغان 'شىنجاڭدا ئېنېرگىيە ئېچىش شۆبىسى' ئۈچۈن يۇپۇق ئاچقان.

ئىسمائىل تىلىۋالدى 'بۇ ‏-‏- دۆلىتىمىزنىڭ غەربنى كەڭ كۆلەمدە ئېچىش، غەربنىڭ ئېلېكتىر قۇۋۋىتىنى شەرققە يۆتكەش، دېگەن ئىستىراتېگىيىسى بۇيىچە ئېلىپ بېرىلغان يەنە بىر ھەرىكەت' دەپ چۈشەندۈرگەن.

خەۋەردە بايان قىلىنىشىچە، 'خۇانېڭ' شىركىتىنىڭ خىتايدىكى 23 ئۆلكىدە 87 ئېلېكتىر ئىستانسىسى بار. بۇ شىركەت ھازىر يەنە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى بىلەن 'ئىستراتېگىيىلىك ئېنېرگىيە ھەمكارلىق كېلىشىمى' ئىمزالىغان. خۇانېڭ شىركىتىنىڭ پارتىيە گۇرۇپپا باشلىقى لى شاۋپېڭ بولسا 'خۇانېڭ شىركىتىنىڭ شىنجاڭ شۆبىسى قۇرۇلغانلىقى ‏-‏- بۇ چوڭ شىركەتنىڭ 'شىنجاڭغا كىرىش، شىنجاڭدا يىلتىز تارتىش ۋە شىنجاڭنى قۇرۇش' قا قەتئىي بەل باغلىغانلىقىنىڭ ئىپادسىى' دېگەن. (ۋەلى)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.